
يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: بايدېن ئوكرائىنا كرىزىسىدىن كېيىن ئامېرىكا ئەۋەتكەن ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقىمۇ كيېۋغا بارغان. غەربنىڭ نەزىرىدە، بايدېن ئىزچىل تۈردە كەسكىن «ئارىلاشقۇچى» ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئىراق ۋە ئافغانىستانغا ئەسكەر چىقىرىش ئۈچۈن «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەرگەن. غەرب ئانالىزچىلىرى بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ، بايدېن كيېۋغا «ئەمەلىي قوغدىنىدىغان قورال- ياراغ» لارنى ئەۋەتىپ، ئوكرائىنانى چۆرىدىگەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ «2.0» نۇسخىسىنى قوزغاش ئۈچۈن بەدەن قىزىتماقچى، دەپ قىياس قىلىشماقتا.

«سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قايتىپ كەلدىمۇ؟» ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ 21- ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە مۇشۇنداق دېيىلدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسپەرەس نامايىشچىلار ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە يوللاردا توساق قۇرغاندىن كېيىن، رۇسپەرەس ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا يامغۇردىن كېيىنكى نوتىدەك پەيدا بولۇپ، 40 مىڭ رۇسىيە ئەسكىرى ئوكرائىنا چېگرىسىغا قىستاپ كەلدى. بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، غەرب دېپلوماتلىرى بەس- بەستە كيېۋغا كېلىشتى، بايدېن بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورىنىڭ يەنە بىر ماقالىسىدە ئېيتىلىشچە، رۇسىيە تەرەپ ئىزچىل تۈردە ئامېرىكىنى ۋەزىيەتكە قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى 2.0» ناملىق خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن ھەپتە، موسكۋا ئامېرىكا رازۋېدكا ئايروپىلانىنىڭ رۇسىيەدىن ئۇچۇپ ئۆتۈش پىلانىنى ئامالدىن قالدۇردى، بۇ ئېنىقلا ئامېرىكا رازۋېدكا ئايروپىلانىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئوكرائىنا چېگرىسىدىكى ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىگىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر. مۇشۇ ھەپتە، ۋاشىنگتون رۇسىيەنىڭ تۇ- 214 تىپلىق يېڭى رازۋېدكا ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشىنى چەكلەش- چەكلىمەسلىكنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

گېرمانىيە «فرانكفورت يىغما گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ئوكرائىنانىڭ ئەتراپىدىكى چەتئەل قوشۇنىنىڭ سانى داۋاملىق كۆپەيمەكتە، ئامېرىكا قىسىمىنى پولشاغا يۆتكىمەكچى، بۇ ئىش پولشا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دەلىللىشىگە ئېرىشكەن، ھەمدە سىياسىي قاتلامدىن ھەربىي ئىشلار پىلانىغا كۆتۈرۈلگەن. رۇسىيەمۇ ئالاقىدار ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كۈچەيتكەن.
«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 21- ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، ئوكرائىنا كرىزىسى ھەل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئوباما يەنىلا پۇتىن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىلگىرىكى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى خالىمايدىكەن، ئۇ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە چەكلىك ئامېرىكا- رۇسىيە ھەمكارلىقىنى ساقلاپ قالىدىكەن. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئوبامانىڭ ئەترىتى ئوكرائىنا كرىزىسىدىن ھالقىپ، يەر شارى مىقياسىدا رۇسىيەنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن يىتىم قالدۇرىدىغان يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىستراتېگىيەسىنى ئىزدىمەكتە.

ئىراندىكى PressTVناملىق ئىنگلىزچە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئانالىزچى ۋېلليام جونېسنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەممىسىدە يادرو قورالى بار، بىر مەيدان ئەنئەنىۋى ئۇرۇش ياكى بىر مەيدان كىچىككىنە توقۇنۇشمۇ يادرو ئۇرۇشىغا تەرەققىي قىلىپ، يەر شارىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھاياتى بىر يىپقا چىگىلىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ھېچكىم بۇنىڭدىن نەپ ئالالمايدۇ، ئەمما يەنىلا نۇرغۇن كىشى ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىپ، ئۆزىنى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدۇ، دەپ قارىماقتا. ئامېرىكا «چىكاكو مۇنبەر گېزىتى» دەل بۇنىڭ مىسالى، بۇ گېزىت غەربنى ئوكرائىنا مەسىلىسىدە پۇتىنغا قاتتىق تېگىشكە قۇتراتماقتا. ماقالىدە ئېيتىلىشچە، ئوكرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەسلىدە پولشا ۋە چېخقا ئورۇنلاشتۇرغان، ئەمما كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىغا ئېرىشەلەيدىكەن. پۇتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ دېگەنىدى، ھازىر بۇ ئىش دەل ئوكرائىناغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورنىتىشقا سەۋەب بولالايدۇ. بۇ ئارقىلىق رۇسىيەگە ئەسكى ئىش قىلسا ھامان جازاسىنى تارتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، ياۋروپا شۇندىلا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.