
بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئۈچ ئاي تەييارلىق قىلغاندىن كېيىن، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمى سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىغان . 1-بۆلۈم 30 قىسىم بولۇپ ، بىر قىسىم 30 مىنۇت ھەم يەنە ئاز بىر قىسىم سىرتقى مەنزىرە كۆرۈنۈشلىرى سۈرەتكە ئېلىنغان . ئەمدىكى پىلان بولسا ، فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۆرۈش نىسپىتىغا قارىتا 2- 3- 4- بۆلۈملىرىنى سۈرەتكە ئالماقچىكەن . بۇ فىلىمدە ئاساسلىقى ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، خۇيزۇ ، قازاق قاتارلىق ھەر مىللەت ئارتېسلىرى رول ئالغان . ئاساسلىقى بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىختىلاپلىرى، خوشنا - قولۇم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ، خىزمەتداشلار ئارا مۇناسىۋەت ، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇشماسلىقلار ھەم ئۇنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ۋەقەلەر ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۇمۇرىستىك ، چاقچاق خۇمار خارەكتىرى ، شۇنداقلا كىيىم-كېچەك ، يىمەك ئىچمەكتىمۇ ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئۆرىپ – ئادىتى قويۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ بېرىلگەن .
بۇ شىنجاڭ تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئىشلەنگەن ئۆي ئىچى كومىدىيە فىلىمى بولۇپ ، دەۋرىي ئەھمىيەتكە ئىگە . شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىق مىدىيا بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاكتىپ رولى بار . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ، شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ بارغانسېرى يۈكسىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ ، بۇ فىلىم شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تېلۋىزىيە گۇرۇپپىسىسىنىڭ يېڭىچە شەكىلگە يۈزلەنگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە كەڭ كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشسە ، ياخشى باھاغا ئېرىشىپلا قالماستىن يەنە شىنجاڭ تېلۋىزىيىسىنىڭ تىپىك نامايەندىسى بولۇپ قالغۇسى .
تۆۋەندىكىلىرى مەزكۇر فىلىمغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلەر










