ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئىسپانىيە ساقچىلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ 6 قانۇنسىز ئامبۇلاتورىيىسىنى پېچەتلىدى

ۋاقتى : 2014-06-28  مەنبەسى : جۇڭگو خەۋەر تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

1f2ac75c8d7ac1ce684a7ed284e08964.jpg

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 28-ئىيۇندىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىگە خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسپانىيە ساقچىلىرى يېقىندا مادرىدنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇسېرا (Usera) رايونىدا 6 قارا ئامبۇلاتورىيەنى پېچەتلىگەن ھەمدە 8 نەپەر جۇڭگولۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان. ساقچىلار ئاممىنىڭ پاش قىلىشىغا ئاساسەن بىر يىل تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرى ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچىلار 8 ئادەمنى قولغا ئالغاندىن سىرت، يەنە ئاممىۋى ساغلاملىققا زىيان سېلىش، گۇۋاھنامىسىز دوختۇرلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن باشقا ئىككى ئادەمنى شىكايەت قىلغان.

ئىسپانىيە ساقچىلىرى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بۇ ئامبۇلاتورىيەلەرنى جۇڭگولۇقلار ئاچقان، مەخسۇس جۇڭگولۇقلار رايونىدا تەشۋىق قىلغان.

ئامبۇلاتورىيە ئاياللار بۆلىمى، بالىلار بۆلىمى ۋە چىش بۆلۈمى قاتارلىق مەخسۇس داۋالاش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغان، ھەتتا ئائىلىدە تەسىس قىلىنغان مەخپىي ئامبۇلاتورىيەدە تاشقى كېسەل ئوپېراتسىيەسى ۋە بالا چۈشۈرۈش قىلغان. لېكىن بۇ شەخسلەر ئائىلىسىدىكى ئامبۇلاتورىيەلەر ئوپېراتسىيەگە ئېھتىياجلىق سەھىيە ۋە بىخەتەرلىك شارائىتىنى ھازىرلىمىغان.

ساقچىلار بۇ ئامبۇلاتورىيەلەرنىڭ شارائىتى ۋە ئىشلەتكەن داۋالاش ئۈسكۈنلىرى ئىنتايىن قوپال دەپ تەسۋىرلىگەن، ئۇلار يەنە مەخپىي ئامبۇلاتورىيەلەردىكى كېسەللەردە بالىلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.

بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يەرلەردە خىزمەت قىلىدىغان «داۋالاش خادىملىرى» مۇنتىزم تېببىي ئىنىستىتۇتنىڭ تەربىيلىشىدىن ئۆتمىگەن ھەم مادرىد سەھىيە ساغلاملىق مەركىزىگە تىزىملاتمىغان.

ئىسپانىيە ساقچىلىرى قارا ئامبۇلاتورىيەلەرنى پېچەتلەش ھەرىكىتىدە قولغا چۈشۈرگەن بۇيۇملارنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلغان، بىر دۆۋە چىش، دورا ۋە دېزىنفىكىسىيە قىلىنمىغان تۇغۇت قىسقۇچى ۋە چىش دوختۇرلۇق ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئىسپانىيەدىكى يەرلىك خەنزۇچە مېدىيەلەرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قارا ئامبۇلاتورىيەلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى بىر بىمار قورسىقى ئاغرىپ بىر قارا ئامبۇلاتورىيەگە بېرىپ داۋالانغاندا، «دوختۇر» بۇ بىمارنىڭ قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ جىگەر ياللۇغى بولغانلىقىغا ئىشەندۈرگەن.

بىمار نەچچە قېتىم داۋالىنىپ، 3500 ياۋرو خەجلىگەن، نەتىجىدە قىلچە ياخشىلىنىش بولماستىن ئەكسىچە ئېغىرلاپ كەتكەن. بۇ بىمار ئەڭ ئاخىرى مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىشقا مەجبۇر بولغان، شۇ چاغدا ئەسلا جىگەر ياللۇغى بولمىغانلىقىنى، بەلكى ئاشقازان ياللۇغى بولغانلىقىنى بايقىغان. كېيىن، بىمار ساقچىلارغا مەلۇم قىلغان، ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ قارا ئامبولاتورىيەلەرنى بايقىغان ھەمدە ھەرىكەت قوللانغان.

بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە، ساقچىلار جەمئىي 300 نەچچە داۋالاش ئەسلىھەسى ھەمدە 148 مىڭ دورا تابلېتكىسى قولغا چۈشۈرگەن.

ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا