ئانا تۇپراق تورى خەۋىرى : ئۈرۈمچى مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى مىراس كىيىمچىلىكىنىڭ 2014 - يىل ئالدىنقى يېرىم يىللىق خۇلاسە يىغىنى 2014 - يىلى 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارلاق مېھمانخانىسى زىياپەت زالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتتە بۇ شىركەتنىڭ لىدىرى قەمىردىن مۇھەممەت ئېلى ھاجى شىركەتنىڭ ئەھۋالىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى، ھەمدە خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تەرەققىيات جەريانىدا كىيىنىشكە،ياسىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كىلىۋاتقانلىقىنى؛ھەر خىل مۇراسىملاردا سورۇنغا ،ياش ۋە جىنس پەرقىگە لايىق كىيىنىپ،كىيىم كىچەك مەدەنىيىتىنى ياراتقانلىقىنى بايان قىلىپ.ئەجداتلارنى شۇ بىباھا كىيىم كىچەك مەدىنىيىتى مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ھەم تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ،كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش ئىستىكىدە دەۋرگە ماسلاشتۇرۇپ لايىھەلەپ،يېڭى پاسونلۇق كىيىم كىچەك ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى؛بۇ نەتىجىلەرگە ئىتتىپاقلىق،ھەمكارلىققا تايانغانلىقىنى ئېيتتى.كارخانىنىڭ باشقا مەسئۇللىرىمۇ سۆز قىلىپ كارخانا تەرەققىياتىدا ئىتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.ئۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ ئابىدە بىئو تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىنىڭ لىدىرى ئوبۇل ھەسەن روزى ھاجى ۋاكالەتچى بىلەن كارخانىنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتى ۋە ئورنى ،ماركىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ۋاكالەتچىلەرگە بېرىدىغان پايدىسى،ماركىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئەمەلىي ئاساسى مول لېكسىيە سۆزلىدى؛باشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر يەنە ئۇيغۇر كىيىم كىچەك مەدەنىيىتى،كارخانا ۋە ماركا ئىستراتېگىيىسى، دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلارنىڭ تەرەققىيات جەريانى،شۇنداقلا مىراس ماركىسىنىڭ كىيىم كىچەك ساھەسىدە تۇتۇۋاتقان ئورنى،سودىنى يۈرۈشتۈرۈش،پاتنىتنىڭ رولى ۋە ئۇنى قوغداش يوللىرى قاتارلىق كارخانچىلار كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە لېكسىيە سۆلىدى.
پائالىيەتتە بىر سۆز قىلغۇچىنىڭ مۇنبەرگە چىقىپ رىياسەتچىدىن ئۆزىگە قانچىلىك ۋاقىت بېرىلگەنلىكىنى سورىۋېلىپ،بېرىلگەن ۋاقىتتا سۆزنى تاماملىغانلىقى سورۇن ئەھلىنى بەكلا سۆيۈندۈردى،چۈنكى بۇ زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر كارخانچىلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ ،شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ۋاقتىغا ھۆرمەت قىلىدىغان پەزىلىتىنىڭ نامايەندىسى ئىدى.
پائالىيەتتە مودېللار مىراس يېڭى بازارغا سالماقچى بولىۋاتقان ۋە ئاللىقاچان سېلىپ بولغان كىيىملەرنى كىيىپ نومۇر ئورۇنداپ،پائالىيەتكە قاتناشقانلارغا ھوزۇر ئاتا قىلدى.ئاخىرىدا مەغرىب شىركىتى مىراس كىيىمچىلىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھەمكارلاشقۇچى مۇكاپاتى،ئەڭ سەمىمىي ھەمكارلاشقۇچى مۇكاپاتى قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك مۇكاپاتقا نائىل بولغان ۋاكالەتچىلەرنى كاتتا مۇكاپاتلىدى.
ئۈرۈمچى مەغرىب سودا چەكلىك شىركىتى - مىراس كىيىمچىلىكى ئۇيۇشتۇرغان، مۆھتەرەم ئۇستازلار، جەمئىيەت ئەربابلىرى، كارخانىچىلار قاتناشقان، لىكسىيە ۋە مىراس كىيىمچىلىكى لايىھەلەپ ئىشلەپچىقارغان كىيىم - كېچەكلەر كۆرەك يىغىنى پارلاق مېھمانخانىسىنىڭ زىياپەت زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مىراس كىيىمچىلىكىنىڭ لىدىرى، يىغىندا، جەمئىيەت ئەربابى مۇختار بۇغرا ئەپەندى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پەنلىرى دوكتۇرى مەمەت ياسىن ئەپەندى، ئابىدە شىركىتىنىڭ لىدىرى ئوبۇل ھەسەن روزى ھاجى ئەپەندى، باكىرە شىركىتىنڭ لىدىرى، ئاتاقلىق سەنئەتكار مىراس كىيىمچىلىكىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى مەمەتجان روزى سايىت ئەپەندى، قانۇنشۇناس ئامانجان ئەپەندى، ساداقەت شىركىتىنىڭ لىدىرى ئېلىجان ئەپەندى، ۋاكالەتچىلەر ۋەكىللىرىدىن ئوبۇلقاسىم ئەپەندى قاتارلىقلار لىكسىيە سۆزلىدى