ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىگەن نىڭبولۇقلار داۋاملىق نامايىش قىلدى

ۋاقتى : 2012-10-30  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىگەن نىڭبولۇقلار داۋاملىق نامايىش قىلدى

\


نىڭبو شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مىكرو بلوگى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى بلوگ ئېلان قىلىپ، يېقىندا نىڭبو شەھەرلىك جېنخەي رايونى، خەيشۇ رايونىدىكى قىسمەن ئامما قانۇنسىز يىغىلىپ، قاتناشنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ساقچى كۈچى تەشكىللەپ ئاممىنى كېتىشكە نەسىھەت قىلىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرغان، جەمئىيەت تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىغان. بۇ ئارىلىقتا، يامان خاراكتېرلىك ۋەقە يۈز بەرمىگەن، ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى قەتئىي يۈز بەرمىگەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى ئۆلۈش ۋەقەسىنىڭ تېخىمۇ يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ساقچىلار كەڭ شەھەرئاممىسىنى ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىككە دەۋەت قىلغان. ئۆسەك سۆز تارقاتقان، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغان كىشىلەرنى قانۇن بويىچە قەتئىي جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
نىڭبو شەھەر جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى توردا تارقالغان نىڭبو ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بىر قىز ئوقۇغۇچى ۋەقەدە ئۆلدى دېگەن ئۇچۇرنىڭ پۈتۈنلەي ئۆسەك سۆز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۆسەك سۆز تارقاتقۇچى شى فامىلىك بىر قىز بولۇپ، ساقچىلار تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئۆسەك سۆزدە دېيىلگەن جېڭ فامىلىك نىڭبو قۇرۇلۇش ئىنىستۇتىنىڭ ئوقۇغۇچى بولۇپ، نۆۋەتتە نورمال مەكتەپكە بېرىۋېتىپتۇ. كەڭ شەھەر ئاممىسىنى ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىككە، يالغان ئۇچۇر تارقاتماسلىققا، توپلىشىۋالماسلىققا، جامائەت تەرتىپىنى ئورتاق قوغداشقا دەۋەت قىلغان.


\

 


نىڭبو شەھىرىدە 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، خىمىيە سانائەت زاۋۇتى قۇرۇشقا قارشى تۇرىدىغان ئامما شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا يىغىلىپ نامايىش قىلغان، ئەمما توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن، فرانسىيەئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە نىڭبو شەھەرلىك ھۆكۈمىتى شەھەر ئاممىسىنىڭ ئۇدا نەچچە كۈنلۈك نامايىشى ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنىشى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 10-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە پارا تولۇئېن (PX) تۈرىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما شەھەر ئاممىسى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنچ قىلمىغان بولۇپ، قىسمەن كىشىلەر 10-ئاينىڭ 29-كۈنى داۋاملىق ئېتراز بىلدۈرگەن.
گەرچە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سىرتىغا توپلانغان ئاممىنىڭ تەرتىپى تىنچ بولسىمۇ، ئەمما جامائەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى يەنىلا تارقىتىپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان.
(نەپرەت)

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا