تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جۇڭگو زىيارىتىنىڭ ئۇچىنچى بېكىتى بولغان شاڭخەيدە جۇڭگونىڭ چوڭ مەبلەغچىلىرى بىلەن ئۇچراشتى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ھەر ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلدى ۋە سۆزىدە «جۇڭگودىكى شارائىتلاردىن پايدىلىنىشنى خالايمىز» دېدى.
ئىقتىسادى تەرققىياتتىكى ياراتقان رېكورتلىرى بىلەن 2011 ـ يىلىنى ئۇزۇتۇپ قويغان بۇ ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ، شاڭخەيدە ئۆز تەجرىبىلىرىنى بىر ـ بىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەمراھلىقىدىكى سودا ـ سانائەتچىلەر بىلەن بىرىلىكتە جۇڭگونىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى.
تۈركىيەنىڭ پەقەتلا سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادى ساھەدىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئەردوغان، جۇڭگولۇق كارخانىچىلارنى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ 10 ساياھەت دۆلىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيەدە، ھەم ساياھەتچىلەر قاتارىدا، ھەم سودا ـ سانائەتچىلەر قاتارىدا كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
باش مىنىستىر ئەردوغان يەنە، جۇڭگولۇق مەبلەغچىلەرگە تۈركىيەنىڭ يېڭى ئېلان قىلغان رىغبەتلەندۈرۈش لايىھەسىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
ئەردوغان سۆز قىلىپ، «بۇ رىغبەتلەندۈرۈش لايىھەسىدىن پايدىلىنىشلىرىنى ۋە تۈركىيە سۇنۇۋاتقان بۇ شارائىتلاردىن مەنپەئەتلىنىشلىرىنى ئارزۇ قىلىمىز، تۈركىيەنىڭ ئىشىكى جۇڭگولۇق مەبلەغ سالغۇچىلارغا پۈتۈنلەي ئوچۇق، بۇنى بىلىپ قېلىشىنى خالايمىز» دېدى.