جۇڭگو مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ساقچىلىرى 28-ئۆكتەبىر تىيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىنىڭ ئىنچىكە پىلانلانغان، تەشكىللىك زوراۋانلىق ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. نۆۋەتتە، دېلوغا ئالاقىدار 5 ئادەمنىڭ ھەممىسى تۇتۇلغان.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھادىسە يۈز بەرگەن ماشىنا
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان جىپ ماشىنا بولۇپ، ساقچىلار ماشىنا ئىچىدىن بېنزىن قاچىلانغان باك، ئىككى پىچاق، تۆمۈر كالتەك، يەنە دىنىي مەزمۇندىكى بايراقنى بايقىغان.
28-ئۆكتەبىر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 12 دە، ئوسمان ھەسەن، ئوسماننىڭ ئانىسى قۇۋانخان رېيىم، ئايالى گۈلقىز غېنى قاتارلىق 3 ئادەم جىپ ماشىنىنى ھەيدەپ چاڭئەن كوچىسى پىيادىلەر يولىغا ئۈسۈپ كىرىپ، يول بويى ساياھەتچىلەرنى ئۈسكەن، 2 ئادەم ئۆلگەن، 40 ئادەم يارىدار بولغان. جىنايەت گۇماندارى ماشىنى كۆۋرۈك رېشاتكىسىغا ئۈسكەندە، ماشىنا ئىچىدىكى بېنزىنغا ئوت كېتىپ، ماشىنىدىكى ئوسمان ھەسەن قاتارلىق 3 كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ ئورگانلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن ماسلىشىشىدا، بېيجىڭ ساقچىلىرى ۋەقەدىن كېيىن ھۈسەنجان ھوشۇر، گۈلنار توختىنىياز، يۈسۈپ ئۆمەر نىياز، جەننەت ئابدۇقادىر، يۈسۈپ ئەھمەد قاتارلىق 5 نەپەر شىرىكىنى تۇتقان.