ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

جۇڭگونىڭ يېڭى رەھبەرلىرى نېمە ئۈچۈن ئارمىيەنى تەرتىپكە سالىدۇ؟

ۋاقتى : 2013-07-27  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  


 
ئاپتورى: جېڭ يوڭنىيەن (سىنگاپور)
تەرجىمانلار: نەپرەت؛ سەۋرىيار
 
تۈزۈم قۇرۇلىشى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشى ھېچ بولمىغاندا تۆۋەندىكى ئۈچ ساھەدە ئىپادىلىنىدۇ:
بىرىنچىسى ھەربىيلەرنىڭ تونۇش قۇرۇلىشى. يەنى ھەربىيلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشىنى، ئارمىيدىن ئىبارەت بۇ تۈزۈلمىگە بولغان تونۇشىنى كۆرسىتىدۇ. تونۇش ئاساسلىقى شەخسىي قاتلامدا، ئەمما بۇ تونۇش پەۋقۇلئادە مۇھىم. ھەربىيلەرنىڭ ئەگەر ئۆزىنىڭ كەسپى ۋە ئارمىيە تۈزۈلمىسىگە يۈكسەك تونۇشى بولمىسا، ئارمىيە بىلەن جەمئىيەتتىكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھېچقانداق چوڭ پەرقى بولمايدۇ. ھەربىي دېگەن ھەربىي، سىياسىي شەخس ئەمەس، سودىگەر ئەمەس. بىر قىسىم جۇڭگو ھەربىيلىرى، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنراللىرى ھەم سىياسىي تەسىر كۈچكە ئىگە بولماقچى ھەم باي بولماقچى. بۇ تونۇشنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقنىڭ ئىپادىسى. بۇ خىل تونۇش بىر قىسىم ھەربىيلەرنىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىشقا (ياكى سىياسىيغا بوي سۇنماسلىققا) ياكى سودا قىلىش بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئاقىۋەت، چىرىكلىكتىن ساقلانغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئىككىنچىسى ئارمىيەنىڭ ئۆزىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىدۇر. تۈزۈم قۇرۇلىشى ھەر تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما كۆپلىگەن تۈزۈملەردە، ئەڭ ئاساسلىقى ئارمىيەنىڭ كەسىپلىشىشى ۋە كەسپىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈمدۇر. ھەربىي زامانىۋىلىشىشنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەل ئارمىيەنىڭ كەسىپلىشىشى ۋە كەسپىيلىشىشى. كەسىپلىشىشى ۋە كەسپىيلىشىشى ئەلۋەتتە ئارمىيەنىڭ بىردىنبىر فۇنكسىيىسى ئۇرۇش دېمەيدۇ. ئۇرۇش قىلىش ئەلۋەتتە ئارمىيەنىڭ ئاساسلىق فونكىسىيىسى، ئەمما بىردىنبىر فونكسىيىسى ئەمەس. ئارمىيە چوقۇم ئۇرۇش قىلالىشى كېرەك، ئۇرۇش قىلالمىسا ئارمىيە ھېسابلانمايدۇ. بىراق كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە، ئارمىيە دۆلەت مۇداپىئە فونكىسىيىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، ئىچكى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاش فونكىسىيىسىنىمۇ ئۈستىگە ئالىدۇ. ئارمىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە، باشقا تەشكىلاتلاردىن پەرقلىنىدىغان كەسپىي روھ ۋە شەكىل ئارقىلىق باشقا تەشكىلاتلار بىر تەرەپ قىلسا بولمايدىغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتۇر. تۆۋەن دەرىجىدىكى كەسىپلىشىش جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ يەنە بىر ئاجىزلىقى. جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ مەنبەسى ھەمدە تەرەققىيات تەجرىبىسى ئارمىيەنىڭ «خەلق» لىقى يەنىلا كەسپچانلىقىدىن كۆپ، «خەلقلىق»نىڭ كۆرسىتىدىغىنى ھەربىيلەر بىلەن ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ چوڭ پەرقى يوق دېگەنلىكتۇر. «خەلق»لىقنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ياخشى تەرىپى بار، ئاساسلىقى ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما «خەلق» خاراكتېرىنى قانداق ساقلاپ قالغان ئاساستا، يۇقىرى دەرىجىدىكى كەسپچانلىق روھىنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ چوڭ بىر خىرىس.
«پارتىيەنىڭ مىلتىققا قوماندانلىق قىلىشى» يەنىلا جۇڭگوغا ماس كېلىدۇ
ئۈچۈنچىسى؛ ئەڭ مۇھىم  تۈزۈم  قۇرۇلىشى دەل ئارمىيە بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن جۇڭگو جەمئىيىتىدە  ئوخشاش بولمىغان قاراشلار مەۋجۇت، ماجىرامۇ ناھايىتى چوڭ. ئەنئەنىدە، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى«پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىدۇ» بولۇپ كەلدى. لېكىن نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان كىشىلەر جۇڭگونىڭ «ئارمىيەنى دۆلەتلەشتۈرۈش»  مەسىلىسىنى ئىزچىل  مۇنازىرە قىلىپ كەلدى، ئارمىيەنىڭ دۆلەتلەشتۈرۈلىشى ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ. بىراق جۇڭگونىڭ تۈزۈم مۇھىتىدا، كىشىلەرنىڭ «ئارمىيەنى دۆلەتلەشتۈرۈش»كە بولغان چۈشەنچىسىنى ھېچ بولمىغاندا ھازىرقى باسقۇچتا ھەددىدىن زىيادە غەربلەشتۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ. ھېچ بولمىغاندا تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن مۇزاكىرە قىلىشقا بولىدۇ. بىرىنچى، تارىختىن قارىغاندا ،ئارمىيە پارتىيە ئۈچۈن قۇرۇلغان، يەنى «پارتىيە ئارمىيىسى». پەقەتلا كومپارتىيە بىردىنبىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە بولىدىكەن، مەيلى كىشىلەر ياقتۇرسۇن ياقتۇرمىسۇن، ئارمىيەنىڭ بۇ ماھىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ. غەربتە «ئارمىيەنىڭ دۆلەتلەشتۈرۈلىشى» ئاساسەن كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئويلاشقانلىقىدىن بولغان .غەرب ئارمىيىسى ئەسلىدە  پادىشاھقا تەۋە ياكى پادىشاھلىق تەرىپىدىن كونترول قىلىناتتى، شۇڭا  «خان ئارمىيىسى»  دەپ ئاتىلاتتى. لېكىن دېموكراتىيىلىشىش  جەريانىدا كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم ھادىسىسى كۆرۈلدى، ئارمىيەدىن  ھەر قانداق بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شۇڭا «دۆلەت ئارمىيىسى» گە ئۆزگىرىپ، سىياسىينىڭ ئادىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. جۇڭگودا، كومپارتىيە بىردىنبىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە بولۇش  شەرتى ئاستىدا، «ئارمىيەنىڭ پارتىيىلىشىشى» ۋە «ئارمىيەنىڭ دۆلەتلەشتۈرۈلىشى» دە ئاساسەن ھېچقانداق زىددىيەت يوق.
ئاندىن، تېخىمۇ مۇھىمى «ئارمىيەنىڭ دۆلەتلەشتۈرۈلىشى» پەقەت بىر خىل تۈزۈمنىڭ گەۋدىلىنىشىنىڭ بەلگىسى، ماھىيىتى قەلەمدارلار  ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەنى كونترول قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. بۇ  ماھىيەت قاتلىمىدىن قارىغاندا، جۇڭگودا «پارتىيەنىڭ مىلتىققا قوماندانلىق قىلىش» پىرىنسىپى ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، تەرەققىي قىلىۋاتقان نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىزچىل تۈردە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئازابىغا ئۇچراپ كەلدى، ھاكىمىيەت ئارمىيە بىلەن زىيالىيلار  ئوتتۇرىسىدا  ئالمىشىپ تۇردى. ئاسىيا، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئافرىقا دۆلەتلەردە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش  ۋە ھەربىي ھاكىمىيەت پات-پات يۈز بېرىپ تۇردى. لېكىن جۇڭگودا بۇنداق ئەھۋال يۈز  بېرىپ باقمىدى، بۇ پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى مۇتلەق كونترول قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر كىشىلەر پارتىيەدىن ئىبارەت بۇ تەشكىلاتنى زىيالىيلار  تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلسا، پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى كونترول قىلىشىنىمۇ زىيالىلارنىڭ  ئارمىيەنى كونترول قىلىشى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.مەيلى كېيىن قانداق ئۆزگىرىش بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھازىرقى باسقۇچتا «پارتىيە مىلتىققا قوماندانلىق قىلىش» پىرىنسىپى يەنىلا جۇڭگوغا ماس كېلىدۇ ھەمدە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك.
ئۈچىنچىدىن، «ئارمىيەنى دۆلەتلەشتۈرۈش» ئارمىيەنىڭ سىياسىيلىقى يوق، ئارمىيەنىڭ «سىياسىيسىزلىشىشى» دېگەنلىك ئەمەس. ئەمما ئارمىيەنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا  توغرا كۆز قاراش  بولۇشى كېرەك، ئارمىيەنىڭ سىياسىيلىشىشى ئارمىيەنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىيلىشىشى ئەمەس، بەلكى ئاساسلىقى ئارمىيەنىڭ سىياسىينىڭ كونتروللىقىغا ئۇچرىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئارمىيەنىڭ كەسپىيلىشىشى ۋە كەسىپلىشىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئارمىيەنىڭ سىياسىيلىشىشىغا  قارىتىلمىغان. ئارمىيەنىڭ سىياسىيلىشىشى ئارمىيەنىڭ كەسپىيلىشىشىگە مۇقەررەر  سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئالدىدا مۇنازىرە قىلىنغان ئارمىيەنىڭ كەسپىيلىشىش ۋە كەسىپلىشىش سەۋىيىسىنى جۇڭگودا يەنىلا يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىشكە توغرا كىلىدۇ. ئەمما بىرلا ۋاقىتتا، سىياسىينىڭ ئارمىيەنى كونترول قىلىشى بەك كۆپ ئەمەس، بەلكى بەك ئاز.  ئارمىيەدە نۇرغۇن چىرىكلىك ھادىسىسىنىڭ كۆرۈلۈشى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان  ئۈنۈملۈك سىياسىي كونتروللىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھازىرقى كونتروللۇق ئاساسەن ئادەم ئىشلىرىدا بولىۋاتىدۇ، تۈزۈم جەھەتتىن كونترول قىلىش يەنىلا زىيادە ئاز، زىيادە ئاجىز. يەنى، ئارمىيە  بىر تەشكىلات  بولۇش  سۈپىتى بىلەن تۈزۈمدىكى ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇشى ناھايىتى كۈچلۈك. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان تۈزۈم خاراكتېرلىك كونترول قىلىشى كەمچىل بولغان شارائىتتا، ئارمىيەنىڭ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇش قىلمىشى مۇقەررەر ئارمىيەنىڭ بىنورمال قىلمىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چىرىكلىك پەقەتلا نۇرغۇنلىغان بىنورمال قىلمىشلىرىنىڭ  ئىپادىلىنىش  شەكلىنىڭ بىرىدىن ئىبارەت . ھەربىي خادىملارنىڭ جۇڭگونىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋىتى ۋە دېپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە خالىغانچە سۆز قىلىشىمۇ بىنورمال قىلمىشلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.
مەيلى ئىچكى سىياسەت ياكى دېپلوماتىيە قىلمىشىدىكى ئىپادىسى بولسۇن،  بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر جۇڭگو ئارمىيىسىنى تۈزەش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتتى. بىراق، كىشىلەر تۈزەشنىڭ پەقەت بىرىنچى قەدەم بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگودا ھەر قايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بولۇپ 30 نەچچە يىلدىن كېيىن، ھازىر ئارمىيەنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى مۇھاكىمە قىلىدىغان ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كۆتۈرۈش ۋاقتى كېلىپ قالدى. ئارمىيەنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بولمىسا، قۇدرەتلىك ئارمىيەمۇ بولمايدۇ. قۇدرەتلىك ئارمىيە  بولمىسا، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ناھايىتى تەس.
مەنبە: ئاپتورى جىن يوڭنىيەن سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقىي ئاسىيا بۆلىمىنىڭ باشلىقى؛ نەپرەت، سەۋرىيارلار ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلدى. مەزكۇر ماقالە پەقەت شەخسنىڭ كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا