شىنخۇا تورى ، ۋۇخەن ، 23-ئىيۇل تېلېگراممىسى : جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھىربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئىيۇلدىن 23-ئىيۇلغىچە خۇبېي ئۆلكىسىدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى .
ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ، شۇنداقلا بىزنىڭ ‹‹ ئىككى 100 يىللىق پىلان ›› دىن ئىبارەت كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا چوقۇم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زور مەسىلە ، شۇڭا چوقۇم باشتىن-ئاخىر ئىسلاھات ، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالىقىلىرىغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك .
شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خوڭجۇڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ گوشېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ، ۋۇخەن ، ئېجوۋ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ ، پورت ، كارخانا ، يېزىلار ، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى .



