ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

شى جىنپىڭ كىم جوڭئۇندىن قاتتىق نارازى بولدى

ۋاقتى : 2013-12-27  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورى 26-دېكابىر خەۋرىرى: ياپونىيە مېدىيەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ شىمالىي كورىيە كىم جۇڭئۇن ھاكىمىيىتىگە كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، جۇڭگو-شىمالىي كورىيەنىڭ «ئىسسىق قان ئارقىلىق دوستلۇق ئورناتقان دەۋر ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلاشتى» دەپ قارىغان.
BBC خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە كودانشا ئاگېنتلىقى نەشىر قىلغان «زامانىۋى سودا» گېزىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانىدا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق كۆزەتكۈچى كوندو دائىسۇكېنىڭ خەۋىرى چىقىرىلغان بولۇپ جۇڭگو دىپلوماتىيە ساھەسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، شىمالىي كورىيە جۇڭگودىن كىم جۇڭئۇننىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىشىنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان، بىراق شى جىنپىڭ قوشۇلمىغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئەھۋال جۇڭگو دىپلوماتىيە ساھەسى ئاشكارىلىغان مەخپىيەتلىك بولۇپ، جۇڭگو بىردىنبىر ئىشىنىدىغان شىمالىي كورىيە يۇقىرى قاتلاملىق رەھبىرى بولسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس، كىم جۇڭئۇننىڭ تاغىسى چاڭ سۇڭ تىك ئىكەن.
جۇڭگو دىپلوماتىيە ساھەسىنىڭ ئېيتىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ چاڭ سۇڭتىكنى يوقىتىشى شى جىنپىڭنى كىم جۇڭئۇن ھاكىمىيىتىگە بولغان غەزىپىنى كەلتۈرگەن ھەمدە شېنياڭ ھەربىي رايون 39-ھەربىي قىسىمىنى چاڭبەيشەن رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان.

تەرجىمىدە:ئاينۇر

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا