مەھبۇس كىيىمى كىيگەن گۇمبۇرا زىمبابۋې پايتەختى خارارېدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا
3-فېۋرال، گۇمبۇرانىڭ 11 نەپەر ئايالى خارارېدىكى يەرلىك سوت مەھكىمىسىدىن چىقماقتا
زىمبابۋې يەرلىك سوت مەھكىمىسى 3-فېۋرال شۇ يەردە كۈچلۈك زىل-زىلە قوزغىغان چوڭ دېلوغا سوت ئېچىپ، قانۇنسىز دىنىي مەزھەپ «قىيامەت ۋەھىيسى دىنى»نىڭ قۇرغۇچىسى روبېرت.مارتىن.گۇمبۇرا )Gumbura(نىڭ ئايال مۇرىتلارغا باسقۇنچلىق قىلىش قاتارلىق تۆت خىل جىنايىتىنى بېكىتىپ، مۇددەتلىك 50 يىللىق قاماق جازاسى بەردى.
«قىيامەت ۋەھىيسى دىنى»نىڭ جىنسىي دەخلىي-تەرۇز قىلىش دېلوسىغا بۇلتۇر ئۆكتەبىردە قاراپ چىقىش باشلانغاندىن بۇيان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەپسىلاتلار ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلاندى. تەپتىش تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن گۇمبۇرا شەخسەن ئۆزى خىرىستىئان دىنى بىلەن ئافرىقىدىكى ئىپتىدائىي دىننى بىرلەشتۈرۈپ مۇستەقىل بىر دىنىي مەزھەپ قۇرۇپ چىقىپ، زىمبابۋېنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى سەھرا رايۇنلىرىدا ئاز مىقتاردا مۇرىت توپلىغان. گۇمبۇرا دىنىي ئاساسچى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئايال مۇرىتلارغا قارىتا قايتا-قايتا «مېڭىسىنى يۇيۇش» ئېلىپ بارغان، ئۇ توي قىلىپ بولغان ئايال مۇرىتلارنى ئۆزىنىڭ «شەخسىي مال-مۈلىكى»، پەقەت ئۇنىڭ ئېرىگە ۋاقىتلىق ئىجارىگە بېرىپ تۇرغان دەپ قارىغان، توي قىلمىغان ئايال مۇرىتلار توي قىلماقچى بولسا چوقۇم ئۆزىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىنچە قىلىشنى ھەمدە دىن ئاساسچىسىنىڭ ئەر تەرەپنىڭ ئورنىدا «توي كېچىسى» ئۆتكۈزىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.
سوت قىلىش جەريانىدا، تەپتىش تەرەپ گۇمبۇراغا قارىتىلغان توققۇز تۈرلۈك ئەيىپلەشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئاز دىگەندىمۇ يەتتە نەپەر ئايال مۇرىتقا باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېيىتقان. بىراق گۇمبۇرانىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى بولسا، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىق ئاساسىدا بولغانلىقى، باسقۇنچىلىق جىنايىتىنىڭ شەكىللەنمەيدىغانلىقى ھەققىدە چىڭ تۇرغان. ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت تۈرلۈك جىنايەتنى بېكىتىپ، دەلىل-ئىسپات يېتەرلىك ئەمەس دەپ باشقا ئەيىپلەشلەرنى قايتۇرىۋەتكەن. تەپتىش ئەمەلدارى مۇللېنبائېز مۇنداق دىگەن: «روھانىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۇمبۇرا ئۆز مۇرىتلىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن ئۇ مۇرىتلىرىنى شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرىدىغان قورال قىلىۋالغان، بۇ خىل شەرمەندە ئەخلاقسىزلارغا ئېغىر جىنايەت بېكىتىپ قاتتىق جازالاش كېرەك.»
ئۈچ ئايلىق سوت قىلىش جەريانىدا، گۇمبۇرانىڭ باسقۇنچلىق قىلىشىغا ئۇچرىغان نەچچە ئايال سوتقا چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىپ، گۇمبۇرانىڭ ئۇلارغا «بويسۇنمىساڭ شەيتاننىڭ جازاسىنى كۆرىسەن» دەپ تەھدىت سېلىپ، مەجبۇرىي جىنىسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان. سوتتا گۇۋاھلىق بەرگەن ئاياللارنىڭ ھەممىسى «قىيامەت ۋەھىيسى دىنى»دىن قول ئۈزگەن. تەپتىش تەرەپ، گۇمبۇرا تۈزگەن دىنىي ئەقىدىگە ئاساسەن، مۇرىتلار دىنىي مەزھەپ ئىچىدىكى ئىشلارنى باشقا دىن مۇرىتلىرىغا ياكى ساقچىلارغا ئېيتىشقا بولمايدىغان بولۇپ، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا «شەيتان»نىڭ جازاسىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن، بۇمۇ باسقۇنچلىق جىنايىتىنىڭ ئىزچىل ئاشكارىلانماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان.
«قىيامەت ۋەھىيسى دىنى»دىن قول ئۆزگەن بىر نەپەر مۇرىتنىڭ شۇ يەردىكى تاراتقۇلارغا ئېيتىشىچە، «قىيامەت ۋەھىيسى دىنى»دا گۇمبۇرا خۇددى «ئىلاھ»دەك ئورۇنغا ئىگە بۇلۇپ، مۇرىتلار چاقىرغان ھامان ھازىر بولىدىكەن. «قىيامەت ۋەھىيسى دىنى» يەنە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈمنى يولغا قويغان، گۇمبۇرا 11 نەپەر ئايالى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغان، ھەمدە ئۇلاردىن 30 پەرزەنت كۆرگەن. بۇ سەتچىلىك يۈز بەرگەندىن كېيىن، زىمبابۋې خىرىستىئان دىنى دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسى بىردەك، «قىيامەت ۋەھىيسى دىنى»نىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى توختىتىشقا قوشۇلغان، بۇ «قىيامەت ۋەھىيسى دىنى»نىڭ قانۇنسىز دىنىي تەشكىلاتلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، گۇمبۇرا ئاشكارە تەرغىپ قىلغان «شەيتانچە جازالاش»، زىمبابۋې خىرىستىئان دىنى تارقىتىش ئۇيۇشمىسىنى تېخىمۇ بەكرەك بىدئەت تۈس ئالغان دىگەن قاراشقا كەلتۈرگەن.
گۇمبۇراغا جازا ھۆكۈم قىلىش كەڭ ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن، بىراق يەنە نۇرغۇن كىشىلەر سوتنىڭ ھۆكۈمى يېنىك بولۇپ قالدى دەپ قارىغان. بىر نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتى مۇنداق دىگەن: «ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئېلىپ كەلگەن ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، گۇمبۇراغا بېرىلگەن بۇ جازانى راستىنلا تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ.»