خەلق تورىنىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): لىۋىيەنىڭ سابىق رەھبىرى قەززافىغا ھۆسۈن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلغان دوختۇرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قەززافى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورققانلىقتىن، ھۆسۈن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغاندا ھەرقانداق ناركوز دورىسى ئىشلىتىشنى رەت قىلغان.
ئەنگلىيە رادىئو ئىستانسىسى شىركىتى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، قەززافىغا ھۆسۈن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلغان برازىلىيەلىك دوختۇر لىياسيا رىبىروس (Liacya Ribeiros) ئاشكارىلاپ:«قەززافىنىڭ تېرىسىنىڭ يىرىكلىشىشى ناھايىتى ئېغىر، چېچى تېزلىكتە ئازلاپ كەتتى، ئۇ ھۆسۈن تۈزەشنى تەلەپ قىلدى، ئۇنىڭ يۈزى ۋە كالپۇكىغا ياغ ئوكۇل قىلدىم، مەن ئۇنىڭ تىرىپولىنىڭ غەربىگە جايلاشقان بىر مەخپىي تۇرالغۇسىدا ھۆسۈن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلدىم، ئۇنىڭغا چاچ كۆچۈردۈم» دېدى.
رىبىروس تەكىتلەپ:«قەززافى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورققانلىقتىن، ھۆسۈن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى داۋامىدا، ھەر قانداق ناركوز دورىسى ئىشلىتىشنى رەت قىلدى، پۈتكۈل ئوپېراتسىيە ناركوزسىز ھالەتتە بولدى. ئەمەلىيەتتە، قەززافى ناھايىتى مۇلايىم ئادەم، ھېچ بولمىغاندا مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا، ناھايىتى سىپايە بولدى، پەس ئاۋازدا گەپ قىلدى» دېدى.