بىرلەشمە تورىنىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى سۆز قىلىپ، ئەنقەرە ھۆكۈمىتىنىڭ قايسى دۆلەتتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى سېتىۋېلىشنى قارار قىلمىغانلىقىنى، سودىگەر چاقىرىشنىڭ يەنىلا تۈركىيە ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشنى خالايدىغان بارلىق شىركەتلەرگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
2013-يىلى 9-ئايدا، تۈركىيە جۇڭگونىڭ نازۇك ئەسلىھەلەر ئېكسپورت شىركىتىدىن قىممىتى 3 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى سېتىۋېلىشقا تەييارلاندى، ئەەەر بۇ سودا پۈتسە، جۇڭگونىڭ ئىلغار قورال-ياراق تەمىنلىگۈچى بولۇشتا چوڭ بىر بۆسۈش بولىشىدا ئۈمىد بار.
بۇ قارار تۈركىيەنىڭ غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى غەزەپلەندۈردى، جۇڭگونىڭ نازۇك ئەسلىھەلەر ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى ئىلگىرى ئىران، چاۋشىيەن ۋە سۇرىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ، قىرغۇچى قوراللارنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ جازالىشىغا ئۇچرىدى.
تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇتئوغلۇ 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ميۇنخېن بىخەتەرلىك سىياسىتى يىغىنىدا دېيىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى قايسى دۆلەتتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى قارار قىلمىغان، ئەمما بىرلىشىپ ئىشلەپ چىقىرىش، مال تاپشۇرۇش ۋاقتى ۋە باھاسى قاتارلىق 3 مۇھىم شەرتىنى تەكىتلىدى.
ئۇ تۈركىيەنىڭ جۇڭگونى بىردىنبىر ئويلىشىدىغان ئوبيېكت قىلمىغانلىقىنى، داۋاملىق سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىخەتەرلىك سىياسىتى يىغىنى ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ بىر شىركىتى بىلەن ئالاقىدار سۆھبەتنى ئۆتكۈزدى.
داۋۇتئوغلۇنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو نازۇك ئەسلىھەلەر ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى پەقەت تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ئىشلەپچىقىرىشنى بىلدۈرگەن بىرىنچى شىركەت ئەمەس، لېكىن بىرلىشىپ ئىشلەپچىقىرىش تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قۇرۇلۇققا ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئىشلەپ چىقىرىدىغان فرانسىيە-ئىتالىيە ياۋروپا ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا شىركىتى بىلەن ۋەتەنپەرۋەر ناملىق مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئامېرىكا رايسون شىركىت يەنىلا تۈركىيە ئويلىشىدىغان سودا ئوبيېكتى ئىكەن.
ئەگەر بۇ 2 شىركەت تۈركىيە بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەپ چىقىرىشقا ۋەدە بەرسە ھەمدە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلسا، ئۇنداقتا تۈركىيە ش ئا ئە ت دۆلەتلىرى بىلەن سودا قىلىشنى خالايدۇ.
2013-يىلى 11-ئايدا، ش ئا ئە ت نىڭ ئالىي قوماندانى تۈركىيەنى چوقۇم ش ئا ئە ت مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن سىغىشىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىشىنى دەۋەت قىلغان ئىدى.