«يېڭى يىپەك يولىدىكى جەلىپكار چولپان» دەپ نام ئالغان مودا ئېقىم ناخشىچىمىز ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ «مەن شۇ Just me»ناملىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قارىتىلغان، شىنجاڭ دېۋىيلۇڭ (德威龙) مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن، شىڭۋەيشىڭ (星外星) پىلاستىنكا شىركىتى نەشىر قىلغانEp ناخشا پىلاستىنكىسى ئىشلەنگەندىن كىيىن ئۇنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگەن كەسپىي پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىنجى بىكىتى گۇاڭجۇ شەھرىدىن باشلانغان.
1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئابلاجان گۇاڭجۇ شەھىرى خەيشىنشادا (海心沙) ئۆتكۈزىلىغان جۇڭگونىڭ «گىرالىمىي مۇزىكا مۇكاپاتى» دەپ نام ئالغان، جۇڭگودىكى ئەللىك نەچچە داڭلىق چولپان قاتنىشىدىغان چوڭ تىپتىكى «خەنزۇتېلى سېستىمىسىدىكى نادىر ناخشىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى» دا جەۋلان قىلىپ «مەكتەپ گۈزىلى» ناملىق ناخشىسىنى ئورۇنلىماقچى.
1-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ دېۋىيلۇڭ مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى گۇاڭجۇ شەھرىدە پىلاستىنكا تارقىتىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا «غەربىي دىيار ناخشا شاھى» داڭلىق ناخشا چولپىنى ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلغان داڭلىق ناخشىچى خوڭچى (洪启) ۋە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ قاتارلىق ئاپتۇنوم رايونىمىزدىكى ناخشىچىلارنىڭ ئون نەچچە پىلاستىنكىسى بىرلا ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەتكە رەسىمىي تۈردە تارقىتىلىدىكەن.
ئابلاجاننىڭ «باشلامدۇق» ناملىق پىلاستىنكىسى 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ ناھايتى زور ئالقىشقا ئىرىشىپ ئەڭ سېتىلغان پىلاستىنكىلاردىن بولۇپ قالغان، يىقىندا نەشىردىن چىققان «مەن شۇJust me » ناملىق دۆلەت تېلىدىكى مىكرو پىلاستىنكىسى شۇ كۈنى رەسىي تۈردە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سېتىلىشقا باشلايدىكەن.
گۇاڭجۇدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلار: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ قوللىغۇچىلار يۈز كۆرۈشۈش ئويۇن قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ تاماشىبىنلار بىلەن يۈزتۇرانە ئورتاقلىشىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ كونا يېڭى ناخشىلىرىنى ھەرمىللەت تاماشىبىنلىرىغا تەقدىم قىلماقچى ئىكەن. پائالىيەتتە ئابلاجان شىنجاڭ مودا مۇزىكا سەنئىتىنى مەزكۇر رايوندىكى تاماشىبىنلارغا تونۇشتۇرىدىغان بولۇپ ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ ئابلاجاننىڭ ئورۇنلاش ماھارىتىدىن ھوزۇرلىنىدىغان شۇنداقلا ئۇنى چۈشىنىدىغان ناھايتى ياخشى سورۇنى ھېساپلىنىدىكەن. مەزكۇر پائالىيەت شىنجاڭ دېۋىيلۇڭ مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ مەزكۇر شىركەت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ھەمدە مەزكۇر شىركەتنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى لولىن (سەنئەت نامى刀郎) دىن كىيىنكى يەنە بىر پۈتۈن مەملىكەت مودا مۇزىكا ساھەسىنى ئاچىدىغان سەنئەتكارىغا ئايلانغان.
پائالىيەت ۋاقتى : 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى
ئورنى: گۇاڭجۇ شەھىرى يۈەشىيۇ رايونى گۇاڭجۇ داداۋجوڭ 361-، 365-نومۇر دوڭفاڭ ئولتۇراق مەھەللىسى بىرىنجى قەۋىتى تۇتۇ بوشلۇقى كۇلۇبى
(广州越秀区广州大道中361-365号东方花苑首层TU凸空间)
توردا بىلەت زاكاس قىلىش ئادىرىسى:
http://shop61345640.taobao.com
ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇن: شىنجاڭ دېۋىيلۇڭ مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى، خەنزۇتېلى سېستىمىسىدىكى نادىر ناخشىلارنى مۇكاپاتلاش ئورگىنى، شىڭۋەيشىڭ پىلاستىنكا شىركىتى
(德威龙文化,华语金曲奖,星外星音乐)
ئالاقىلىشىش نومۇرى : 18999825900