شىنخۇا تورى 13-يانۋار خەۋىرى: ئەنگىلىيە Daily Mirror گېزىتى تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو جاسۇسلىرىنىڭ ئەنگلىيە ئىچىكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىشىدىن ئەنسىرەپ، بارلىق ۋىدىئو ئەسلىھەلىرىنى چۇچۇۋەتكەن.
ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي يىغىنلارنى جۇڭگو جاسۇسلىرىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەن.
ئەنگىلىيە خوجايىنلىرى يۇقىرى قاتلام مۇلاھىزىسىنىڭ ئوغرىلىقچە ئاڭلىنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بارلىق گۇمانلىق ۋىدىئولۇق يىغىن ئەسلىھەلىرىنى چۇۋۇۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ئەدلىيە تارماقلىرى ۋە جىنايى ئىشلار تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ باشلامچىسى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكەن.
ئامېرىكا ۋە ئاۋستىرالىيە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئەسلىھەلىرىنىڭ يىراق ئارىلىقتىن ئوغرىلىقچە ئاڭلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ، مەزكۇر شىركەت بولغان بولغان سەزگۈر توختاملارنى توختاتقان.
تەرجىمىدە: ئاينۇر