يەر شارى تورى 13-يانۋار خەۋىرى: رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇھەممەد جاۋاد زارىف يېقىندا سۇرىيەنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان.
نۆۋەتتە زارىف لىۋان پايتەختى بېيرۇتنى زىيارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە قارىتىلغان زىيارىتىنى باشلىغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، زارىف ئىراق، ئىئوردانىيە ۋە سۇرىيەنى زىيارەت قىلىدىكەن.
ئىلگىرى، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى جان كېررىي بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراننىڭ سۇرىيە كرزىسىنى ھەل قىلىش جەريانىدا رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىنى، بىراق 1-ئاينىڭ 22-كۈنى شىۋېتسارىيە مونترېۋكىستا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2- قېتىملىق جەنۋە تىنچلىق يىغىنىغا ياندىن قاتناشقۇچىلىق سۈپىتى بىلەنلا قاتنىشالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق ئىراننىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىدىكى ئاساسلىق شەرتلىرىنىڭ بىرى، سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى بومباردىمان قىلىشنى توختىتىپ، ئىنسانپەرلىك قۇتقۇزۇش يوللىرىنى ئېچىشقا مۇراجىئەت قىلىشتىن ئىبارەت.
ئىران ھۆكۈمىتى جەنۋە يىغىنىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق ھېچقانداق ئالدىنقى شەرتنى قوبۇل قىلمايدىكەن.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف بىلەن ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى جان كېررىي 1-ئاينىڭ 13-كۈنى سۆھبەتلىشىپ، ئىراننىڭ 2- قېتىملىق جەنۋەر يىغىنىغا قاتنىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغان.
تەرجىمىدە: ئاينۇر