شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 25-دېكابىر كۈنى، تۈركىيەدىكى نامايىشچىلار تۈركىيە چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلغا يىغىلىپ، ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش پائالىيتى ئېلىپ بىرىپ، زوراۋانلىققا قارشى ساقچىلار بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قالدى. ئۈچ نەپەر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ چىرىكلىككە چېتىلىپ قېلىپ ئىستىپا سورىغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، زۇڭلى ئەردوغان 25-دېكابىر ئىچكى كابىنتتا چوڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ھەمدە كېيىن زۇڭتۇڭ ئابدۇللاھ گۈل بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن ئون نەپەر يېڭى ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنى تەيىنلىدى.
شۇنىڭغا ئۇلاپلا 27-دېكابىر كۆپلىگەن كىشىلەر ئىستانبۇل ۋە پايتەخت ئەنقەرەگە يىغىلىپ، زۇڭلى ئەردوغاننىڭ تەختتىن چۈشىشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ، نامايىش ئېلىپ باردى.