
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 13-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە چىرىكلىك سەتچىلىكىگە پېتىپ قالغان بولسىمۇ، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان 1-ئاينىڭ 12-كۈنى سۆز قىلىپ، تالاش-تارتىش قوزغىغان ئەدلىيە ئىسلاھاتى لايىھىسىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئىگىلىنىشچە، بۇ ئىسلاھات ئەدلىيە ھوقۇقىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
ئەردوغان ئىستانبۇلدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا:«كومىتېت 1-ئاينىڭ 11-كۈنى لايىھەنى سۇنۇشقا بېلەت تاشلىدى ھەمدە بۇ لايىھەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈردى» دېگەن.
1-ئاينىڭ 11-كۈنى، بۇ لايىھەنى چۆرىدىگەن ئىككىنچى قېتىملىق مۇنازىرىدە، تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەردى، نۇرغۇن سىياسىي ئەربابلار مۇشتلىشىپ كەتتى، بىر-بىرىگە سۇ بوتۇلكىسى، ھەتتا iPad كومپيۇتېرلارنى ئېتىشتى.

ئەردوغان رەھبەرلىكىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ لايىھە ئەدلىيە مىنىستىرلىكى سودىيە ۋە تەپتىش ئەمەلدارى تەيىنلىگەندە، ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ كۆپ كونترول قىلىش ھوقۇقى بېرىدۇ.
لېكىن تۈركىيەنىڭ ئالىي ئەدلىيە ۋە تەپتىش كومىتېتى بۇ لايىھەنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ھەمدە ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئۆكتىچى پارتىيەمۇ بۇ لايىھەنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ 1-ئاينىڭ 11-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر سىياسىي پارتىيەلەر ئورتاق تونۇشقا كەلسە، بۇ لايىھەنىڭ توختىتىلىشىدا ئۈمىد بار ئىكەن. ئەمما ئەردوغان بۇ ئىسلاھات لايىھىسىنى پارتلامېنتقا سۇنىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان.
تەرجىمىدە: نەپرەت