ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

​خاماس تەشكىلاتى شاروننىڭ ئۆلىمىگە ئىپادە بىلدۈردى

ۋاقتى : 2014-01-12  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 12-يانۋار خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى شارون 1-ئاينىڭ 11-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) شاروننىڭ ئۆلىمى «تارىخىي پەيت» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
رېيترس ئاگېنتلىقى خاماسنىڭ باياناتچىسى سەمى ئەبۇنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان بولۇپ، سەمى ئەبۇ:«بۇ قەبىھ پادىشاھ ئۆلدى، بىزنىڭ غەلبە قىلىشقا تېخىمۇ ئىشەنچىمىز بار. بۇ قەبىھ جىنايەتچىنىڭ ئىككى قولى خەلقىمىز ۋە رەھبەرلىرىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان. ئۇ بۈگۈن ئۆلدى، خەلقىمىز قاتتىق خۇشال بولدى» دېگەن.
خاماسنىڭ باشقا بىر باياناتچىسى سالىھ بەداۋىينىڭ دېيىشىچە، شارون پەلەستىن خەلقىگە پەقەت «ئازاب-ئوقۇبەت، قان-ياش، قىيىن-قىستاق، سەرسانلىق» ئەسلىمىسى قالدۇرغان، شۇڭا ئۇ «دوزاخقا كىرىشى» كېرەك ئىكەن.
پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى (فاتاخ) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى جىبرىل رەجەب شاروننى پەلەستىننىڭ سابىق پرېزىدېنتى ياسىر ئەرافاتنى قەسلەپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى، ئۇ جىنايەتچى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك دەپ قارىغان.
بىر قىسىم پەلەستىن ئاممىسى يولدىن ئۆتكەنلەرگە كەمپۈت تارقاتقان، بەزىلەر شاورننىڭ سۈرىتىنى كۆيدۈرگەن، دەسسىگەن.
لىۋاندا، ئەينى يىلى بېيرۇت مۇساپىرلار لاگىرى پاجىئەسىدە ھايات قالغانلار شاروننىڭ جىنايىتى بار، جازاغا تارتىلىشى كېرەك دەپ قارىغان.
پەلەستىن ئاممىسى دېيىشىچە، بارلىق ئەرەبلەر ھەمدە قاماقتىكى پەلەستىنلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى شاروننىڭ ئۆلىمىدىن خۇشال بولغان.
 
تەرجىمىدە: نەپرەت
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا