جۇڭگو خەۋەر تورى 12-يانۋار تېلېگراممىسى:
رۇىسيە مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 11 دە رۇسىيەنىڭ جەنۇبى قىسىمىدا، تېرورچى تەشكىلاتنىڭ بەش نەپەر ئەزاسىنى قولغا ئالغان ۋە بىر دانە ئاددىي پارتلاتقۇچنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ سوچى رايونىدا تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە نەچچە ھەپتە قالغاندا چىققان يەنە بىر بىخەتەرلىك ھادىسىسى.
رۇسىيە دۆلەتلىك تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تۇتۇش ھەرىكىتى نالچىك شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان. باياناتتا يەنە، بۇ قېتىمقى تېرورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە ئوق-دورا، گرانات ۋە ئىچىگە ئۇچلۇق، قىرلىق ماددىلار تىقىپ ياساپ تەقلەپ قويۇلغان ئاددىي پارتلاتقۇچ قاتارلىق نەرسىلەر قولغا چۈشكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىلگىرى تېرورچىلار سوچى ئولىمپېك يىغىنىغا ھۇجۇم قىلىمىز دەپ داۋراڭ سالغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ۋولگاگراد شەھىرىدە ئارقىمۇ-ئارقا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 34 ئادەم ئۆلگەن. بۇ ۋەقەسىدىن كېيىن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ھەرقايسى جايلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
رۇسىيە ھۆكۈمىتىمۇ سوچى ئولىمپېك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بىخەتەر ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى.