ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شارون ئالەمدىن ئۆتتى

ۋاقتى : 2014-01-11  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 11-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئارىيېل شارون 1-ئاينىڭ 11-كۈنى 85 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
شارون 2006-يىلى ئىككىنچى قېتىم سەكتە بولغاندىن بۇيان، ئىزچىل ھوشسىز ھالەتتە بولۇپ، تېل ئاۋىۋىدىكى دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ، نەپەسلەندۈرۈش ئەسلىھەلىرىنىڭ ياردىمىدە ھاياتىنى ساقلاپ كېلىۋاتاتتى. داۋالاۋاتقان دوختۇرخانا 1-ئاينىڭ 1-كۈنى شاروننىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يامانلاشقانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.
شارون لىكۇد گۇرۇھىدىكى داڭلىق ئوڭچىل قاتتىق قوللاردىن بولۇپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىگە قارىش تۇرغان، ئىشغالىيەتتىكى پەلەستىن زېمىندا يەھۇدىيلار ئولتۇراق نۇقتىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 2001-يىلدىن باشلاپ ئىسرائىلىيەنىڭ باش مىنىستىرى بولغان.
شارون 2005-يىلى 12-ئايدا بىرىنچى قېتىم سەكتە بولغاندا داۋالىنىپ ياخشى بولۇپ كەتكەن. 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېغىر سەكتە بىلەن ھوشسىزلىنىپ يېتىپ قالغاندىن بېرى قايتا ھوشىغا كېلىپ باقمىدى.
 
تەرجىمىدە: نەپرەت
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا