ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

تۈركىيەدىكى پارلامېنت ئەزالىرى مۇشت، پەشۋا ئېتىشىپ كەتتى

ۋاقتى : 2014-01-13  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

20140113115415407.jpg

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 13- يانۋاردىكى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تەيۋەن «جۇڭگۇاڭ ئاخبارات تورى» نىڭ 12- يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈش توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۆكتىچى پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە مۇشت، پەشۋا ئېتىشىغا سەۋەبچى بولغان. ئىككى تەرەپنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىر- بىرىگە مۇشت، پەشۋا ئېتىشىپلا قالماستىن، يەنە بەزىلەر تاختا كومپيۇتېر بىلەن قارشى تەرەپنى ئۇرغان.
11- يانۋار، تۈركىيە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان سوت ئەمەلدارى ۋە تەپتىش ئەمەلدارىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ھوقۇقىنى ئاشۇرۇش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى. بىر نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، مەزكۇر لايىھە ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ دېدى، ھەمدە گەپ- سۆز ئەركىنلىكىمىز يوق دەپ نارازى بولۇپ، پۇتىنى كۆتۈرۈپ ئۇنى- بۇنى تىپىشكە باشلىدى. كېيىن، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى تاختا كومپيۇتېر، قەغەز قىسقۇچ، مېنېرال سۇ قۇتىسى ۋە يىلىم قۇتىسىنى ئېتىشتى، نەق مەيدان ئىنتايىن قالايمىقانلىشىپ كەتتى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا