ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

ئىرپان شىركىتى 10 يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدى

ۋاقتى : 2014-01-13  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

00.jpg

2003- يىلى ئۇيغۇر ئېلكترون ساھەسىدە زور يېڭىلىق يارىتىپ ئىرپان ئېلىكترون لوغەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىرپان شىركىتى بۈگۈن خەلقئارا چوڭ بازار زىياپەت زالىدا كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ شىركەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش شۇنداقلا يېڭىدىن بازارغا سالغان ئىرپان لوغەتلىك ئۇيغۇرچە يانفونىنى تارقىتىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى .
 

 

پائالىيەتكە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار ، ئاخبارات ۋاستىلىرى ، كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىرىمىز قاتناشتى ، پائالىيەتتە ئىرپان شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇللا ئەپەندى شىركەتنىڭ 10 يىللىق خۇلاسىسىنى چىقىرىش بىلەن بىرگە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ھەققىدە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە قايىل قىلارلىق سۆزلەرنى قىلدى .
 

ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدار ۋە سەمىمىي مۇلازىمىتى ئارقىلىق خەلق ئىچىدە يۈز تاپقان «ئىرپان» شىركىتى ئۆزىنىڭ ھەرتەرەپتىن پىشىپ يېتىلىۋاتقان 11-يىلىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان دەملەردە خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ 13-يانىۋار ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاندىرويىد سىستېمىسىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق، سېزىمچان ئېكرانلىق، لۇغەتلىك (ئالتە تىللىق) «ئىرپان» 2-ئەۋلاد يانفونىنى ئېلان قىلدى. بۇ يانفوننىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىرپان شىركىتىنىڭ ئۆزىدىكى ئۇزۇن يىللىق تەجرىبە ۋە ئەۋزەللىكلەرنى، شۇنىڭدەك سودا پۇرسىتى بىلەن ئۆزىنىڭ دەرىجىسى ۋە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ خەلقىمىزگە سۇنغان يەنە بىر ئېسىل سوۋغىسى ئىدى.

12.jpg

ئىرپان ئىككىنچى ئەۋلاد يانفوننىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىلىرى تۆۋەندىكىچە:
مەشغۇلات سىستېمىسى Android 4.2.2 操作系统
تور : 3G WCDMA 8500/900/1,900/2,100 MHz 3G
GSM/ 2G GSM 850/900/1800/1900 MHz GSM/ 2G
ئېكران چوڭلىقى 4.3 دىيوم، ئېكران ئىنىقلىقى: 540x960 پېكسىل
ئىچكى ساقلىغۇچ: RAM GB 1 SDRAM
ساقلىغۇچ : GB 8
كامىرا: ئالدى 1.3 مىليون پېكسىل، كەينى 5 مىليون
مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ :1.2 GHz قوش يادرو
تىلى: ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، ئەرەبچە، تۈركچە، فىرانسۇزچە، رۇسچە قاتارلىق 25 خىل تىل
ئىرپان لۇغىتى قوشۇلغان.
 

 

11.jpg

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا