جۇڭگو يەر شارى
تورى خەۋەر قىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 23-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ جۇڭگو چېگرىسىغا يېقىن جايدا، ئۇيغۇر بۆلگۈنچى قوراللىق تەشكىلاتنىڭ بىر توپ ئادىمى بىلەن قىرغىزىستانلىق ئوۋچى ۋە چېگرا مۇداپىئە ئارمىيىسى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ئەڭ ئاخىرى 11 نەپەر بۆلگۈنچى ئۇنسۇرنىڭ ھەممىسى ئېتىپ تاشلاندى، قىرغىزىستان تەرەپتىن بىر ئوۋچى ئۆلدى، بىر چېگرا مۇداپىئە ساقچىسى يېنىك يارىدار بولدى. يەر شارى ۋاقىت گېزىتى ئەھۋال ئىگىلىشىچە،
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرمۇ قاتتىق كۆڭۈل بۆلگەن.
قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە ئەمەلدارى رەئىمبەردى دۈشەنبىيېۋ 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭ جەريانىنى تونۇشتۇردى.
دۈشەنبىيېۋنىڭ دېيىشىچە، قوراللىق ئۇنسۇرلار جەمئىي 11 ئادەم بولۇپ، 1-ئاينىڭ23-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا چېگرىدىن ھالقىپ قىرغىزىستانغا كىرگەن. ئۇلار كېيىن يەرلىكتىكى ئوۋچىلىق مەيدانىغا كىرىپ، پىچاق بىلەن بىر ئوۋچىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھەمدە ئوۋچىنىڭ قورالىنى ئېلىپ كەتكەن. ئېلىشىش جەريانىدا، ئوۋچىمۇ 2 ئۇيغۇر بۆلگۈنچىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.
ئوۋچىنىڭ قورالىنى بۇلاپ ماڭغان قوراللىق ئۇنسۇرلار بىر چېگرا مۇداپىئە پونكىتىدا توساپ قېلىنغان. قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ بىر ئالاھىدە ئەترىتى تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كەلگەن، جۇڭگو-قىرغىزىستان چېگرىسىغا 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا قالغان 9 نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنى قورشىۋالغان، قوراللىق ئۇنسۇرلار تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغان ھەمدە سۆھبەت نەتىجىسىز بولغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە ئارمىيىسى ھەممىسىنى ئېتىۋەتكەن.
قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە ئارمىيىسى بىلەن ئېتىشىشتا، قىرغىزىستانلىق ئوۋچىدىن بۇلىۋالغان مىلتىق بۇ قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بىردىنبىر قورالى بولۇپ، قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرىدىن بىر نەپىرى يېنىك يارىدار بولدى.
مەنبە: يەر شارى
تورى، ئانا تۇپراق
تورى تەرجىمە قىلدى.