ئانا تۇپراق
تورى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىكى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى دېيىشىچە، مىسىردا مۇبارەك ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىدا، مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 49 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مىسىر ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىكى دېيىشىچە، بۇ مىنىستىرلىك 1-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى نامايىشتا 107 ئادەمنى قولغا ئالغان.
مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىكى بىلدۈرۈشىچە، كۆپ قىسىم ئۆلگەن ئادەم قاھىرەدىكى توقۇنۇشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ساقچىلار ئىسلام تەشكىلاتلىرىنى ئاساس قىلغان نامايىشچىلارنىڭ قاھىرە ئازادلىق مەيدانىغا كىرىشىنى توسماقچى بولغان.
ئازادلىق مەيدانىدا 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان چوڭ تىپتىكى يىغىلىش بولدى، كىشىلەر مىسىر ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى سىسى گېنرالنى قوللايدىغان شوئار توۋلاپ، ئۇنىڭ پرېزىدېنت بولىشىنى ئۈمىد قىلدى.
3 يىل ئىلگىرىكى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، مىسىرنىڭ سابىق رەھبىرى مۇبارەك نامايىشلار سەۋەبلىك ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
مەنبە: جۇڭگو خەۋەر
تورى، ئانا تۇپراق
تورى تەرجىمە قىلدى.