ئانا تۇپراق
تورى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، قاھىرە ساقچى باش ئىدارىسى پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 4 ئادەم ئۆلدى، 51 ئادەم يارىلاندى.
دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ ھۇجۇم ماشىنا بومبا پارتلىتىش ھۇجۇمى ئىكەن، نۆۋەتتە ھۇجۇمچى تىزگىنەك بىلەن ئالدىن ئورنىتىلغان بومبىنى پارتلاتقانلىقى ياكى ئۆزى ھەيدەپ كەلگەن ماشىنا بىلەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم يۈز بېرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە، ساقچى باش ئىدارىسى ئەتراپىدىن ئوق ئاۋازى ئاڭلانغان، ئەمما ساقچىلار ئېتىشىش يۈز بەرگەن بەرمىگەنلىكىنى ئېيتمىدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، قاھىرە ساقچى باش ئىدارىسى ئەتراپىغا نەچچە يۈز نامايىشچى يىغىلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا شوئار توۋلاپ، تېررورچىلارنىڭ پارتلىتىش ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇن قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، يارىدارلارنى توشۇغان، ئۆلۈم سانى يەنىمۇ ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەنبە: جۇڭگو خەۋەر
تورى، ئانا تۇپراق
تورى تەرجىمە قىلدى