ئانا تۇپراق
تورى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: شىنخۇا ئاگېنتلىقى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، شەخسىي تۇرمۇش سەتچىلىكى سەۋەبلىك، فرانسىيە پرېزىدېنتى فرانسىۋا خوللەند دۆلەت رەھبىرى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى شەخسىي نامىدا:«مەن بىلەن بىرگە تۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇم» دەپ جاكارلىغان.
50 ياشقا يېقىنلاپ قالغان ۋالېرى (Valerie Trierweiler) فرانسىيەنىڭ داڭلىق سىياسىي مۇخبىرى ئىدى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىياسىي پروگىراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان، «پارىژ مۇسابىقە سۈرەتلىك گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرى بولغان. ئۇ 2006-يىلدىن باشلاپ خوللەند بىلەن بىرگە تۇردى، ئەمما ئىككىسى ئىزچىل توي قىلمىدى.
خوللاند 2012-يىلى فرانسىيە پرېزىدېنتى بولغاندىن كېين، ۋالېرىي ئىزچىل بىرىنچى خانىم دەپ قارىلىپ كەلدى.
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى، فرانسىيەنىڭ بىر ژۇرنىلى خوللاند بىلەن ئايال ئارتىس جۇلىيەنىڭ جىنسىي سەتچىلىكىنى ئاشكارىلىدى. ۋالېرى كېيىن نېرۋا ئاجىزلىشىش ۋە تۆۋەن قان بېسىم سەۋەبلىك پارىژدىكى بىر دوختۇرخانىدا 10 كۈن داۋالاندى.
مەنبە: شىنخۇا
تورى، ئانا تۇپراق
تورى تەرجىمە قىلدى.