ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا مۇراجىئەت قىلدى

ۋاقتى : 2014-01-26  مەنبەسى : جۇڭگو خەۋەر تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ئانا تۇپراق تورى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: بازا تەشكىلاتى (ئەل قائىد تەشكىلاتى) نىڭ رەھبىرى سۆز قىلىپ، مىسىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مىسىردىكى خرىستىئان قېرىنداشلار بىلەن توقۇنۇشماسلىقى كېرەكلىكىنى، ئۇلارنىڭ بارلىق كۈچى بىلەن ئارمىيەنىڭ قوللىشىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
بۇ ئەل قائىد تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى زاۋاھىرىنىڭ ئاز كۆرۈلىدىغان ھالدا خرىستىئانلار ئۈچۈن سۆز قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بىر قىسقا فىلىمدا سۆز قىلىپ، خرىستىئانلار بىلەن بولغان ئالاقىدار ۋەقەنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى بىلدۈردى، ئۇ «بىزنىڭ تاقابىل تۇرىدىغىنىمىز ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدىكى مىسىر ئارمىيىسى بولىشى ھەمدە ئىسلام ھاكىمىيىتى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك» دېدى.
زاۋاھىرىنىڭ دېيىشىچە، خرىستىئانلار بىلەن توقۇنۇشۇش غەرب دۆلەتلىرىگە باھانە بولۇپ، مۇسۇلمانلارنى ئەيىبلەيدىكەن. ئۇ يەنە كەسكىن سۆزلەر بىلەن مىسىر ئارمىيىسىنىڭ رەھبىرى سىسىنى ئەيىبلىدى، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ قورچىقى، ئالدامچى دېدى.
زاۋاھىرى يەنە تەنقىد قىلىپ، مىسىرنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مۇرسىنى ئامېرىكىغا تەسلىم بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
 
مەنبە: جۇڭگو خەۋەر تورى، ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا