ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى
رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى» نىڭ 22 – يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى مۇنداق دېگەن، سۇرىيە باشار ھاكىمىيىتى تېررورچى ئۇنسۇرلارغا نىسبەتەن خۇددى «ماگنېت» نىڭ ئۆزى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى مۇنداق دەپ قارىدى، سۇرىيە زۇڭتوڭى باشار ئاساد سۇرىيە دۆلىتى ئىچىدىكى كىرىزىسنىڭ باش جىنايەتچىسى. كېررى مۇنداق دېدى، باشار سۇرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىگە كىرمەسلىكى كېرەك، چۈنكى ئۇ ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقىگە ئاسىيلىق قىلدى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىغا سەۋەبچى بولدى. ئۇ قوللانغان بىر قاتار تەدبىرلەر سۇرىيەنى تېررورچى ئۇنسۇرلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بىر ماگنېتقا ئايلاندۇرۇپ قويدى، سۇرىيەنىڭ كەلگۈسىدە باشار بولماسلىقى كېرەك.
بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى سۇرىيە مەسىلىسى 2 – قېتىملىق جەنۋە تېنچلىق يىغىنىڭ مۇقەددىسىدە بۇرۇن مۇنداق دېگەن، سۇرىيە كىرىزىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىشىنى مۇزاكىرە قىلىش. باشار ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتكە كىرىپلا قالسا، سۇرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.