ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

سۇرىيەنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلغانلىقىنىڭ زور كۆلەمدىكى ئىسپاتلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى

ۋاقتى : 2014-01-21  مەنبەسى : سەھەر تورى  يوللىغۇچى : ئاناتۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 

 
ئانا تۇپراق تورى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى خەۋەر قىلىدۇ: بىر ھۆججەتتە سۇرىيە بەشىر ھاكىمىيىتىنىڭ سۇرىيە خەلقىگە سىستېمىلىق زىيانكەشلىك قىلغانلىقى كۆرسىتىلدى. بۇ ھۆججەتلەر سەۋەبلىك، بەشىر ھاكىمىيىتى ئۇرۇش جىنايىتى شىكايىتىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
ئەنگلىيە مۇھاپىزەت گېزىتى ۋە ئامېرىكا CNN تورى بىرلا ۋاقىتتا خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلار خەلقئاراغا داڭلىق ئۈچ ئادۋوكاتتىن بىر دوكلاتقا ئېرىشكەن، دوكلاتتا بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنى تەتقىق قىلىنغان.
ھۆججەتتە سۈرەت ۋە يېزىقچە ماتېرىيال بولۇپ، 2011-يىلى 3-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، سۇرىيەنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان 11 مىڭ ئادەمنىڭ قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى خاتىرىلەنگەن.
article-2543050-1AD7897200000578-307_634x446.jpg 
سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، تۇتۇلغانلاردا نۇرغۇن ياش ئەرلەر بولۇپ، نۇرغۇن جەسەتلەر ئۇستىخاندەك بولۇپ قالغان، قان ئىزىغا تولغان ھەمدە قىينىغان جاراھەت ئىزلىرى باركەن.
بىر قىسىملارنىڭ ئىككى كۆزى يوق، بەزىلىرى بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى توك جازاسى بەرگەن.
گەرچە ب د ت ۋە باشقا ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بەشىر ھاكىمىيىتى ۋە توپىلاڭچى ئارمىيەنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلغانلىقى ھەققىدىكى جىنايەتلىرىنى توپلىغان بولسىمۇ، بىراق مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھۆججەتنىڭ سۇرىيەدىكى يۈز بەرگەن ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلغانلىقىنىڭ نۆۋەتتە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىسپاتى ئىكەن. سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى داۋاملاشقىلى 34 ئاي بولدى.
مەنبە: سەھەر تورى، ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا