بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ كورىيە، جۇڭگو ۋە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى. ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلغانلىقتىن ياپونىيە بىلەن جۇڭگو، كورىيەنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. خەلقئارا جامائەتچىلىك پىكىرىگە قارىغاندا، بوئېنسنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدىكى مۇھىم ۋەزىپىسى ياپونىيە بىلەن جۇڭگو، كورىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياراشتۇرۇشكەن.
بۇ تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئىش ئەمەس. مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكىدا يۇقىرىدا زۇڭتۇڭدىن، تۆۋەندە جۇڭگونىڭنازىر دەرىجىسىگە تەڭ كېلىدىغان ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەر قېتىمقى شەرقىي ئاسىيا سەپىرى جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ھەر قېتىملىق سەپەردە بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرسى كەم بولسىلا جامائەت پىكىرى بۇ نېمە ئۈچۈن دەپ سورايدىغاندەك قىلاتتى.
بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا، جامائەتچىلىك پىكىردىمۇ تۈرلۈك چۈشەندۈرۈشلەر بولدى. مۇنداق بىر نۇقتىدا ھېچقانداق تالاش تارتىش بولمىدى، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا ئۈچ دۆلەت ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. جۇڭگو ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا گۈللىنىۋاتقان چوڭ دۆلەت، ياپونىيە بىلەن كورىيە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى، ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا پۇت تىرەپ تۇرىمەن، مۇقىم بولىمەن دەيدىكەن «ئاسىياغا قايتىش» بولسۇن ۋە ياكى «ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» بولسۇن، سىياسىتىدە جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ ئەھۋال ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا رايونى ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ سىرتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
ياپونىيەنىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان تىركىشىشىنىڭ ئۈزۈلمىگەنلىكى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىستراتېگىيەسىگە ئازدۇر كۆپتۇر قېيىنچىلىقلارنى تۇغدۇردى. ياپونىيەنىڭ بۈگۈنكىدەك «رايوندا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرغۇچى» بولۇپ قېلىشى، ئابى شىنزودەك ياپونىيەنىڭ سىياسىي ئەربابىنىڭ بۈگۈنكىدەك قوشنا دۆلەتلىرىگە ھېچبىر تەپتارتماستىن خىرىس قىلىشىدا ئامېرىكىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان تارىخى مەسئۇلىيىتى بار.
2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە مىلىتارىستلىرى بىلەن گېرمانىيە ناتسىستلىرىغا بولغان مۇئامىلىسىدە پەرق ئىنتايىن زور بولدى. گېرمانىيەگە ناتسىستلىرىدىن ئۈزۈل كېسىل ھېساب كىتاپ قىلدى، ئامېرىكا سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، قاھىرە خىتابنامىسى ۋە پوتسدام ئاخباراتىدىكى بەلگلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلمىدى، ياپونىيەنى ھەربىي ئىشغال قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەدىن تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى جىنايىتىنىڭ ھېساباتىنى ئېنىق ئالمىدى ۋە مىلىتارىزم كۈچلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى يوقاتمىدى، ياپونىيەدىكى ئوڭچىل كۈچلەرنىڭ بارغانسېرى قۇتراپ كېتىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن كۆرمەسكە سېلىپ، يول قويۇش پوزىتسىيىسىدە بولدى، يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ياپونىيەنىڭ «مەخسۇس مۇھاپىزەت»تە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ھەربىي ھازىرلىقلىرى ۋە مۇداپىئە خامچوتىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بەردى.
شۇنداق دېيىشكە بولۇدىكى، ياپونىيەنىڭ بۇندىن كېيىن قەيەرگە بېرىپ قەيەردە توختاش ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىسىگە ياپونىيەنىڭ بىردىن بىر ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا ئەڭ زور تەسىرگە كۈچكە ئىگە تاشقى كۈچ بولۇپ، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار. ئامېرىكا ياپونىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسى دەپ قاراپ ياپونىيەگە قاراتقان سىياسىتىدە پايدىلىنىش ۋە چەكلەشتىن ئىبارەت ئىككى خىل تاكتىكىنى قوللاندى. خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەگە قاراتقان ئىتتىپاقداش دۆلىتىدىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيىتىنى كۆپرەك تەكىتلىدى، مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە جۇڭگونى چەكلەش ئېھتىياجى سەۋەبى ھەمدە مۇداپىئەلىنىش خامچوتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى بەكرەك تەكىتلىدى. ئامېرىكا بۇ سەۋەبتىن ياپونىيەنىڭ ئوڭچىللىشىشغا يول قويدى. ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تاكتىكىسى ۋە ياپونىيەنى قانات ئاستىغا ئېلىش جەھەتتە ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتتى. مۇشۇنداق بولىۋەرسە ئامېرىكا ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىدە زىيان تارتىپ قالىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ گۈللىنىشىدىن ئەندىشە قىلىشى ئامېرىكىنى ئاسىيادىن قوغلاپ چىقىشتىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا ئىجادىي رول ئوينىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئىجابىي پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇنداقلا «جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسى»، ئاتالمىش جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنى ئاسىيادىن قوغلاپ چىقىش سەپسەتىسى ۋە ئەندىشىسىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب. ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى پاسسىپ رولى ھەتتا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى جۇڭگو قارشى ئالمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ. نۆۋەتتىكى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ئىجابىي رول ئوينىماقچى بولسا ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ يول قويۇش ۋە قارغۇلارچە يان بېسىشنى توختىتىپ، ياپونىيەگە بولغان چەكلىمىنى كۈچەيتىشى كېرەك. روشەنكى، ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئابى شىنزونىڭ ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشى، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ يولدىن ئازغان ياپونىيەنىڭ سىياسىي ئەربابلىرىغا نىسبەتەن يالغۇز ئۈمىدسىزلىنىش يېتەرلىك ئەمەس.
ياپونىيەگە قارىتا ئامېرىكىنىڭ تارىخىي ۋە رېئال مەسئۇلىيىتى بار. ئامېرىكا ياپونىيە مەسىلىسىدە خىلمۇ خىل خىياللاردا بولغانلىقتىن، تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان بىلەن، رېئال مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالامدۇ يوق؟ بۇ نۇقتىنى ئورۇنلىيالمايدىكەن بوئېنس ياكى ئامېرىكىنىڭ باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى جۇڭگو، ياپونىيە، كورىيەگە قانچە قېتىم زىيارەتكە بارسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىجادىي رولى يەنىلا ئاجىزلاپ كېتىدۇ.