
روسىيە ئاۋازى 19-دېكابىر خەۋىرى: مىسىر ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، مىسىرنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مورسى جاسۇسلۇق ۋە تېررورلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ گۇمانلىنىپ باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.
مىسىر باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ھاشىم باراكات مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقلارغا ئىمزا قويغان. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ باشقا مۇھىم زاتلىرىمۇ ئوخشاش ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان. مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنى يېتەكچىلىك ئىدارىسىنىڭ رەئىسى بادىيا، ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخس ساتتار ۋە مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى 30 نەچچە خادىم مورسى بىلەن بىرگە سوتقا چىقىدىكەن.
باش تەپتىش مەھكىمىسى ئۇلارنى جاسۇسلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ھەمدە چەتئەل تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ دۆلەت ئىچىدە تېررورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسلام تەرەپدارلىرىنىڭ رەھبىرى باشقا دۆلەتكە مىسىرنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئالاقىدار دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ، تېررورچىلارغا پۇل ئاجرىتىپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە چېتىلىدىغان ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلىگەن.
تەرجىمىدە: ئاينۇر