ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

شەھۋەت قاينىمىدا ۋەيران بولغان سىياسىيونلار

ۋاقتى : 2014-01-28  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

نەچچە كۈن ئىلگىرى، فرانسىيە پرېزىدېنتى فرانسوۋا ئوللاند (Francois Hollande) نىڭ ئايال ئارتىس جۇلىي گايېت (Julie Gayet) بىلەن بولغان بىنورمال مۇناسىۋىتى ئاشكارىلىنىپ، فرانسيە پۇقرالىرىنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان پاراڭ بولۇپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى مۇشۇنداق سەتچىلىك سەۋەبىدىن تەختتىن چۈشىدىغان ياكى ئۆز بەختىگە ئولتۇرىدىغان سىياسىئونلار ئاز چىقمىدى. سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى كلىنتوننىڭ «سىيرىتما» ۋەقەسى، ئامېرىكىنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ بۈيۈك گېنېرالى، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پېترائۇس (David Petraeus) ۋە ياكى ئىتالىيە سىياسى سەھنىسىدىكى «يىقىلماس» بېرلۇسكونى (Silvio Berlusconi) نىڭ قورامىغا يەتمىگەن پاھىشە ئىشى سەۋەبلىك جازاغا مەھكۇم بولۇشى قاتارلىقلار، شەھۋانىيلىقنىڭ سىياسىئونلارغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.
 

 

لېۋىنسكىي (Monica Lewinsky)
 

بىل كلىنتون (Bill Clinton)

پراكتىكانت قىز ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون

جىنسىي سەتچىلىك تىلغا ئېلىنسا كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىل كلىنتون كېلىدۇ.
كلىنتون ۋەزىپىدە تۇرغان سەككىز يىل جەريانىدا، ئامېرىكىغا ئىقتىسادىغا يۈكسىلىش ئېلىپ كەلدى، ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا ساھەسىدىكى بۇگۈنكىدەك ئورنىغا ئۇل سالدى. ئۇنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ قولغا كەلتۈرگەن يۈكسەك نەتىجىلىرىدىن ھېچكىم گومانلانمايدۇ، ئەمما لېۋىنسكى بىلەن بولغان جىنسىي سەتچىلىكى ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى بىر قاراڭغۇ نوقتا بولۇپ قالدى، ھەتتا ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىغا خاتىمە بېرىشكە تاس قالدى.
1998-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، «درۇگ خەۋەرلىرى (Drudge Report)» ئامېرىكا پرېزىدېنتى كلىنتوننىڭ ئاقسارايدىكى پراكتىكانت قىز لېۋىنسكى بىلەن چاتىقى بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. «درۇگ خەۋەرلىرى» نىڭ نامى بىر كېچىدىلا دۇنياغا تارالدى، تور بەتنىڭ زىيارەت سانى 900 ئادەمدىن بىراقلا ئۆرلەپ 12 مىڭ 300 قېتىمغا يەتتى. نورغۇنلىغان مۇخبىرلارمۇ «پۈتۈن سەپ بويىچە ھوجۇمغا ئۆتۈپ» ئامېرىكا ئاخبارات تارىخىدىكى مىسلىسىز كۈلەمدىكى «سەتچىلىك خەۋىرى دولقۇنى» نى ياراتتى.
ئىش بارغانسىرى چوڭىيىپ، كلىنتون ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. دەسلەپتە كلىنتون لېۋىنسكى بىلەن چاتىقى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئەمما لېۋىنىسكى بىلەن بولغان سۆزلىشىش خاتىرىسى ئېلىنغان لىنتا ۋە لېۋىنسكىنىڭ تەپسىلى كۈندىلىك خاتىرىسى ئىنكار قىلغۇسىز ئىسپات بولۇپ قالدى. تېخىمۇ مۇھىمى، لېۋىنسكى كەيگەن كۆك كىيىمدە قېلىپ قالغان سپېرمىدا، كلىنتوننىڭ DNA سى بارلىقى ئېنىقلاندى. تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان ھامان، كلىنتون ئامېرىكا خەلقىدىن رەسمىي تۈردە كەچۈرۈم سورىدى ۋە ئۆزىنىڭ لېۋىنسكى بىلەن بولغان «بىنورمال مۇناسىۋىتى» نى ئىقرار قىلدى.
ئەمما كلىنتوننىڭ كەچۈرۈم سورىشى «سەمىمىي ئەمەس» دەپ قارالدى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلدى، كلىنتون ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەرز قىلىنغان ئىككىنچى پرېزىدېنت بولۇپ قالدى. ئاخىرقى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە كلىنتوننىڭ قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللەنمەيدىغانلىقى ئېنىق بولدى. بۇ ئىش شۇ تەرزدە بېسىقتى.
 

شاشى تارور
 

پاكىستانلىق ئايال مۇخبىر

مىنىستىرنىڭ ئاشنىسىنى ئاشكارىلاندى، ئايالى ئۆلدى

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ھىندىستان ئادەم كۈچى بايلىقى تەرەققىيات مىنىستىرى شاشى تارورنىڭ ئايالى سۇناندا بىر مېھمانخانىدا ئۆلۈپ قالدى. جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، سۇناندانىڭ «تويۇقسىز ۋە بىنورمال» ئۆلگەنلىكى ئىسپاتلاندى. سۇناندا ئۆلۈشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئېرىنىڭ پاكىستانلىق مۇخبىر سىياقىغا كىرىۋالغان بىر جاسۇس بىلەن ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
1-ئاينىڭ 14-كۈنى، تارورنىڭ تۋىتتېرىدا پاكىستانلىق ئايال مۇخبىر مېھر تارار بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرىسى ئاشكارىلاندى، بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە، بۇ ئايال تارورغا يېقىنچىلىقىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، تارور بولسا بۇ ئايالغا، خوتونىنىڭ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى سېزىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.
بۇ مەزمۇن ھىندىستان تورلىرىغا كەڭ تارالدى. ئىككىنچى كۈنى تارورنىڭ ئايالى سۇناندا تاراتقۇلارغا، تارورنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدىن پايدىلىنىپ بۇ خەۋەرنى تارقاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. سۇناندا يەنە، ئېرىنىڭ ئاشنا ئوينىغانلىقىنى، ئاشنىسىنىڭ بولسا مۇخبىر سىياقىغا كىرىۋالغان پاكىستان جاسۇسى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ ئىشلارنى پەسەيتىىش ئۈچۈن بولسا كېرەك، 1-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، تارورنىڭ تۋىتتېرىدا، تارور بىلەن سۇناندا ئىككىسى ئىمزاسىدىكى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنىپ، ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ھېچقانداق مەسىلە يوق ئىكەنلىكى، باشقىلارنىڭ تارورنىڭ تۋىتتېرىدىن پايدىلىنىپ قالايمىقان ئۇچۇر تارقاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. شۇنداقلا، تاراتقۇلارنىڭ تۋىتتېردىكى مەزمۇنغا خاتا تەبىر بېرىپ، ناچار ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنى «ئازاب دېڭىزى» غا تاشلىغانلىقى تەكىتلەندى.
تۇرالغۇسى بىزىلىۋاتقانلىق سەۋەبىدىن، تارور ئەر-خوتون ئىككىسى بىر مېھمانخانىدا تۇرۇۋاتقان ئىدى. 17- يانۋار كۈنى، دۆلەت كونگرېس پارتىيىسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتقان تارور، ئايالى سوناندانىڭ كارۋاتتا «تىنىچ ياتقىنىنى» ئەمما ئالەمدىن ئۆتكىنىنى بايقايدۇ. جەسەت تەكشۈرگۈچى دوختۇرنىڭ ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، سۇناندانىڭ ئۆلۈمى غەيرى تەبئى ئۆلۈم بولۇپ، بەدىنىدە جاراھەت ئىزلىرى بايقالغان. بۇ گەپ چىقىشى بىلەن تەڭ، تاراتقۇلاردا تارورنىڭ «ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ ئىسپات يوقاتقانلىقى» غا ئائىت پاراڭلار تارىلىپ كەتتى.
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۇناندا «زىيادە دورا ئىشلىتىش» سەۋەبلىك ئۆلگەن. ئۇ ئېيتقان ئېرىنىڭ ئاشنىسى ھەققىدىكى ئىشلار تەكشۈرۈلمەكتە.
 

داۋىد پېترائۇس (David Petraeus)
 

پاۋۇلا برودۋېل (Paula Broadwell)

ئايال يازغۇچى بىلەن «ئارىلىشىپ» ئۆز بەختىگە ئولتۇرغان پېترائۇس

داۋىد پېترائوس ئامېرىكىنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ ئۇلۇغ گېنېرالى دەپ ئاتالغان. دەۋىر ژورنىلى ئۇنى «ئىراق خەلقىنى قۇتقۇزدى» دېگەن، «ۋاشنگتون پوچتا گېزىتى» ھەتتا ئۇنى قەدىمقى رىم دەۋرىدىكى غالىب سەركەردە قەيسەرگە ئوخشاتقان. ئەگەر ھەممە ئىشى ئوڭۇشلۇق بولغان بولسا، پېترائۇس بەلكىم ئېزىنخاۋېرغا ئوخشاش ئەسكەرلىكتىن چىققان پرېزىدىن بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئەمما بىر يىلغا يەتمىگەن ئاشنىدارچىلىق سەۋەبلىك ھەممە ئىشلار شۇ پېتى قالدى.
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرى بىر نوقتىغا: ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا يېڭىدىن تەينىلەنگەن، ئامېرىكا ئارمىيىسى قوماندانلىق شىتابىنىڭ سابىق تۆت يۇلتۇزلۇق گېنېرالى پېتىرائۇسنىڭ «شەيتان ئازدۇرغانلىق» سەۋەبلىك ئىستىپا بېرىشىگە مەركەزلەشىتى. بۇ ئاشنىدارچىلىقنىڭ باش پېرسوناژىنىڭ، پېترائۇسنىڭ كەچمىشى ئەكىس ئەتكەن،«پۈتۈن كۈچ بىلەن» دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى بولمىش يازغۇچى برودۋېل ئىكەنلىكى تېزلا ئاشكارىلاندى.
تاراتقۇلار ئاشنىدارچىلىقنىڭ ئاشكارىلىنىش تەپسىلاتىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: جىل كېللېي (Jill Kelly) نىڭ پىتېرائۇس بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يامان ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭغا ھەسەت قىلغان برودۋېل، جېل كېللېيگە تەھدىت سېلىپ ئېلخەت ئەۋەتىدۇ. جېل كېللېي بۇ ئىشنى ئۇنىڭ دوستىغا ئېيتىدۇ. كىم بىلسۇن، ئۇنىڭ بۇ دوستى فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) خادىمى بولۇپ، بۇ ئىشنى ئۇدۇل دۆلەت مەجلىسىدىكى پالاتا ئەزاسىغا يەتكۈزىدۇ. FBI يۇشۇرۇن تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ.
FBI بۇ ئىشنىڭ پېترائۇس بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى تېزلا بايقايدۇ. پېترائۇسمۇ بىگىزنى قاپتا ساقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇدۇللا ئىستىپا سورايدۇ. پېترائۇسنىڭ سىياسى ھاياتى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىپ، خوتۇن-بالىلىرى ئازابلىنىپ يۈرگەن، ئاشنىسىنىڭ ئائىلىسىمۇ ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، جېل كېللېي دېگەن ئىسىممۇ ئاشكارىلىنىپ بۇ مۇناسىۋەتشۇناسنىڭ چاۋىسىمۇ چىتقا يېيىلىدۇ.
 

شائىن گىبسون (Shane Gibson)
 

 

ئاننا نىكول سىمىس (Anna Nicole Smith)

ساھىبجامال بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ، ئەمىلىدىن ئايرىلىپ قالغان شائىن گىبسون

2007-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، 39 ياشلىق ئاننانىك سىمىسنىڭ ئامېرىكىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆلۈپ قالغانلىقى بايقىلىدۇ. ئاننا سىمىس «قۇرۇق سۆلەت بەگزادە (Playboy)» ژورنىلىنىڭ داڭلىق پورترېت مودىلى بولۇپ، ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ۋە غايەت زور مىقداردىكى بايلىقىنىڭ كىمگە قالىدىغانلىقى ھەققدىكى ئىشلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.
2007-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاننىي سىمىس ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي، باھامانىڭ نوپۇزلۇق گېزىتى «ناسسائۇ مۇنبىرى (Nassau Tribune)» باشماقالىسىدا ئاننا سىمىسنىڭ باھاما كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شائىن گىبسون بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ چۈشكەن رەسىمىنى ئاشكارىلايدۇ. ئارقىدىنلار، تاراتقۇلارنىڭ دىققىتى شائىن گىبسونغا مەركەزلىشىدۇ، چۈنكى شائىن گىبسون ۋەزىپىدە ئولتۇرغان ۋاقتىدا، ئاننا سىمىس باھامانىڭ مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئىدى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى، شائىن گىبسون «ئاشنىسى» ئاننا سىمىسكە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن «ھەمراھ بولۇش» نى مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىغا تېگىشىشكە كېلىشكەن بولۇشى مۇمكىن، بولمىسا ئاننا سىمىسنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئىلتىماسى بۇنچىۋالا تېز تەستىقلانمايدۇ دەيدۇ.
شائىن گىبسون دەسلەپتە سۈكۈتتە تۇرغان، ئەمما ھەر خىل سۆز-چۆچەكلەر ئۈزۈلمىگەن. باھاما دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى كاشىيوس ستۇئارت تاراتقۇلارغا، شائىن گىبسون باھاماغا «ھاقارەت قىلدى»، گۇناھىنى يۇيۇش ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشى كېرەك دېدى. ئارقىدىنلا، پۇقرالارمۇ شائىن گىبسوننىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى.
2007-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى، شائىن گىبسون تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، باھاما خەلقىدىن ئەپۇ سوراپ، ئۆزىنىڭ ئىستىپانامە سۇنغانلىقىنى، ئەمما بارلىق ئەيپلەشلەرنى ئاساسىي يوقلۇقىنى، ئۆزىنىڭ ئاننا سىمىس بىلەن ھېچقانداق جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولمىغانلىقىنى، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلەتمىگەنلكىنى، ئاننا سىمىسنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىرىشىش قانۇنغا تامامەن ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

 

سترائۇس كاھىن (Dominique Strauss-Kahn)

جىنسىي سەتچىلىك تۈپەيلىدىن فرانسىيە پرېزىدېنتلىقىدىن قۇرۇق قالغان سترائۇس

ئەگەر جىنسىي سەتچىلىك يۈز بەرمىگەن بولسا، ھازىرقى فرانسىيە پرېزىدېنتى فرانسوۋا ئوللاند ئەمەس بەلكى كاھىن بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» دىكى بىر پارچە ماقالە فرانسىيە جەمئىيتىگە سىلكىنىش ئېلىپ كەلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە فوندى لېدىرى، 2012-يىللىق فرانسىيە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نامزاتى دەپ قارالغان سترائۇس كاھىن نيۇيوركتىكى بىر مېھمانخانىنىڭ مۇلازىمەتچىسىگە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيەگە ئۇچۇشتىن ئون مىنۇت بۇرۇن نيۇيورك ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىندى.
گەرچە سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن كاھىن فرانسىيە سوتىسيال پارتىيىسىنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە، قوللاش نىسبىتى ئەينى ۋاقىتتىكى پرېزىدېنت ساركوزىدىن ئېىشىپ كەتكەن ئىدى. فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تەھىلىلى بويىچە بولغاندا، ئەگەر كاھىن پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشسا سايلىنىش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى.
جىنسىي سەتچىلىك ۋەقەسىدىن كېيىن، كاھىن ئامالسىز خەلقئارا پۇل مۇئامىلە فوندىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى، «پرېزىدېنتلىق چۈشى» بەربات بولدى، فرانسيە سوتسىيال پارتىيەسىمۇ پرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ نامزاتىنى قايتىدىن ئويلىشىپ، ئوللاندنى نامزاتلىققا چىقاردى.
بۇ ئىش ئۇزۇن مەزگىلگىچە تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نوقتىسى بولۇپ كەلدى، كاھىن ئەيىپلەندى، قايتا-قايتا سوتقا چىقتى؛ مۇلازىمەتچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى «ئىككى تەرەپ خالىغان ئاساستا بولغان» دەپمۇ باقتى، ئەمما ئۇنىڭ يالغان سۆزلىگەنلىكى ئاشكارىلاندى. كاھىننىڭ مېھمانخانا مۇلازىمەتچىسىگە سالغان جىنسىي پاراكەندىچىلىكىنىڭ بارلىق تەپسىلاتى فوكس خەۋەر تورىدا ئاشكارىلاندى.
ئاقىۋەت، بىر يىلغا سوزۇلغان تالاش-تارتىشتىن كېيىن، جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان مۇلازىمەتچى بىلەن كاھىن ئىككىسى مۇرەسسە قىلىپ، دېلۇ يېپىلدى. كاھىن بۇ ئىش ئۈچۈن بەش مىلىيون دوللار چىقىم قىلدى.
خىزمىتىدىن ئايرىلغان كاھىن، فرانسىيە پرېزىدېنت سايلىمىدىن ۋاز كەچتى، ھازىر ئۇ بىر نەچچە مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئۈچۈن ئىشلىمەكتە.
 

سىلۋىيو بېرلۇسكونى (Silvio Berlusconi)

 

 

يۈرەك ئوغرىسى رۇبىي (Ruby the Heart Stealer)

قورامىغا يەتمىگەن پاھىشە بىلەن «ئويناپ» يەتتە يىل كېسىلگەن بېرلۇسكونى

جىنسىي سەتچىلىك تىلغا ئېلىنغاندا، ئىتالىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى بېرلۇسكونى بىلەن ھېچكىم بەسلىشەلمەيدۇ. ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، بېرلۇسكونىنىڭ تۆۋىنى رىياسەتچى، مۇدېل، يۇقىرىسى پارلامېنىت ئەزاسىغىچە جەمئى 16 نەپەر قىز دوستى بار ئىكەن.
2009-يىلى 5-ئايدا، بېرلۇسكونى بىلەن 20 يىلغا يېقىن ئۆي تۇتقان ئايالى لارىئو ئاجرىشىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، لارىئو ئۆزىنىڭ «ياش قىزلار بىلەن ئويناپ يۈرۈشكە ئامراق ئادەم بىلەن» ئۆي تۇتالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنداقلا 20 يىللىق ئازابلىق نىكاھقا «تويۇپ» كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
بېرلۇسكونى بارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ تاراتقۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ نىكاھى ۋە شەخسى تۇرمۇشىغا ئائىت خەۋەرلەرنى تارقىتىشىنى توسماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن پايدىسى بولمىغان. ئۇنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەنلىك خەۋىرى چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىسپانىيەنىڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇسى سانىلىدىغان «دۆلەت گېزىتى» بېرلۇسكونىنىڭ ساردىنىيا(Sardinia) ئارىلىدا يالىڭاچ يىغىلىش قىلغان ۋاقتىدىكى رەسىمىنى ئاشكارىلىغان. بېرلۇسكونى «دۆلەت گېزىتى» ئېلان قىلغان رەسىملەرنى «تېتىقسىزلىق» ، «كىشىنىڭ ئائىلىسىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق» دەپ ئەيىپلىگەن. ئەنگىلىيە «تايمىس گېزىتى» بۇ رەسمىلەرنىڭ 700 پارچە چىقىدىغانلىقىنى، رەسمىلەر ئىچىدە بېرلۇسكونى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان دەپ قارالغان قورامىغا يەتمىگەن قىزچاقنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.
2011-يىلى 4-ئايدا، ئەنگىلىيە «تاراتقۇلاردىن تېلېگرامما» گېزىتى2010-يىلى 10-ئايدىكى بىر يىغىلىشقا قاتناشقان بېرلۇسكونىنىڭ. مىلان شەھىرى سىرتىدىكى بىر داچىنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە «يۈرەك ئوغرىسى رۇبي» دەپ ئاتالغان 17 ياشتىكى ماراكەشلىك قورساق ئۇسسۇلچىسى كەرىمە ئەل مەھرۇغ ((Karima el-Mahrough) بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلدى. ئىتالىيەدە قورامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش جىنايەت ھېسابلىناتتى.
ئىتالىيە تەپتىش ئىدارىسى تەرەپ، بېرلۇسكونىنى قورامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، سىياسىي ھوقۇقىدىن خالىغانچە پايدىلانغان دېگەن جىنايەت بىلەن بېرلۇسكونىنى ئەيىپلىگەن. 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىتالىيە تەپتىشى، ئوخشاش جىنايەت بىلەن بېرلۇسكونىنىڭ سىياسىيغا ئارىلىشىش ھوقۇقىنى چەكلىشىنى ۋە ئۇنىڭغا يەتتە يىللىق مۇددەتلىق قاماق جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە بېرلۇسكونى مۇشۇ ھۆكۈم ئۈستىدىن نارازىلىق ئەرزى سۇنماقتا.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا