سەھەر تورىنىڭ 5-فېۋرالدىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى شىددەت بىلەن ئاشتى، بۇ بۇ يىل يەر شارى ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئاشىدىغانلىقدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ 5 يىلدىن بۇيان بىرىنچى قېتىم ئېشىشى بولۇپ قالىدۇ.
ياۋروپا، ئامېرىكا مالىيە قىسقارتىش سىياسىتى سەۋەبلىك ھەربىي خىراجەتنى ئازايتىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقاندا، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى داۋاملىق ئاشتى، بۇ يەر شارى ھەربيىي تەڭپۇڭلىقىنى پەيدىنپەي ئۆزگەرتىدۇ.
ئەنگلىيە جانېس شىركىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنى باھالاشتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلقى يەر شارى ھەربىي خىراجىتى مۆلچەرى سەل ئۆرلەپ 1 تىرىلىئون 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى 1 تىرىلىئون 392 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا %6 ئاشقان. جانېسنىڭ مۆلچەرىچە، 2024-يىلغا بارغاندا، جۇڭگونىڭ ھەربىي خىراجىتى بارلىق غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن يۇقىرى بولىدىكەن.
گەرچە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلاشقا باشلىغان بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ ھەربىي خىراجىتىنىڭ ئېشىشى ئەڭ يۇقىرى بولدى. كەلگۈسى 3 يىلدا، رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى %44 تىن ئارتۇق ئاشىدۇ. بۇ يىل، رۇسىيە 78 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ ئارمىيە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى.
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى يەنىلا يەر شارى بويىچە بىرىنچى، 574 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئەمما بۇ 2012-يىلدىكى 664 مىليارد 300 مىليونغا قارىغاندا %1.3 ئاز، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %3.6 ئاز بولۇپ، 35 مىليارد فونېت ستېرلىڭغا يەتتى، ئامېرىكا، جۇڭگو، رۇسىيەدىن كېيىن تۇرىدۇ.
ياۋروپا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنىڭ ئازىيىشى، لېكىن جۇڭگو، رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىنىڭ ئەكسىچە ئېشىشىغا نىسبەتەن، ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى راسموسىن دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى تەسىر كۈچى ھەربىي خىراجەتنىڭ ئازلىشى سەۋەبلىك ئاجىزلىشىىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
راسموسىن ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىگە:«ھۆكۈمەت قىزىل رەقەمنى ئازايتىش ئۈچۈن چىقىمنى زور دەرىجىدە ئازايتىشقا مەجبۇر بولغاندا، بىز نېمىشقا دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىغا قول ئۇزىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز ناھايىتى تەس...بۇ ئەلۋەتتە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، باشقا دۆلەتلەر دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ سېلىنما سېلىۋاتقاندا، بۇ بىزنىڭ خەلقئارا سىياسىي سەھنىدىكى تەسىر كۈچىمىزنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بىز قالدۇرغان ۋاكۇئۇمنى باشقا دۆلەتلەر تولۇقلايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشى بىزنىڭ بىلەن ئوخشاش بولىشى ناتايىن» دېدى.
جانېس ژۇرنىلىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەھلىلچىسى دېيىشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنىڭ ئېشىشى، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى خەلقئارالىق ئىقتىسادى بىلەن جۇغراپىيىلىك سىياسەت كۈچلىرى يۆلىنىشى بىلەن بىردەك بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئۇرۇشقاقلىقىنىڭ ئالامىتى ئەمەس ئىكەن.
بىراق، ئۇ:«جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنىڭ ئېشىشىنىڭ كۆلىمى ۋە سۈرئىتى ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، چۈنكى بۇ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىشەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رايونلۇق مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدۇ. مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، بۇ مەزكۇر رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي خىراجىتىنى ئاشۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
باشقا بىر ھەربىي مۇتەخەسسىسنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ غايەت زور ھەربىي خىراجىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچى ئەمەلىيەتتە ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيىسى ئۆزىنىڭ تەيۋەنگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن، جۇڭگو ئارمىيىسىدىمۇ ھەقىقىي ئۇرۇش تەجرىبىسى يوق ئىكەن.
2013-يىلى ھەربىي خىراجىتى ئاشقان ئەڭ چوڭ 5 بازردا، 4 دۆلەت ئوتتۇرا شەرققە جايلاشقان. بۇنىڭدا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خام چوتى ئۆتكەن 10 يىلدا 3 ھەسسە ئاشتى؛ سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ھۇجۇمچى قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان سېتىۋالماقتا.
جانېس گۇرۇھىنىڭ ئاۋىئاتسىيە، دۆلەت مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك بۆلىمىنىڭ مەسئۇلى بوتون:«كەلگۈسى 12 ئايدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي خام چوتى داۋاملىق ئازلايدۇ، دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى 2014-يىلى يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ كېڭىيىش يۈزلىنىشى بويىچە جەنۇب ۋە شەرققە يۆتكىلىدۇ» دېدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى پاۋېلنىڭ دېيىشىچە، رۇسىيەنىڭ ھەربىي خىراجەتنى ئاشۇرۇشى ئېھتىمال نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان «ۋاقىتلىق ھادىسە» بولىشى مۇمكىن ئىكەن. نىسپىي قىلىپ ئېيتقاندا، جۇڭگونىڭ ھەربىي خىراجىتى «ئۇزۇن مۇددەت ۋە داۋاملىق ئاشىدۇ» بۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ساھە.