ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەدەنىيەت

تۈركىيە ناخشا چولپىنى رافەت ئەل رومان ئۈرۈمچىگە كەلدى

ۋاقتى : 2014-02-05  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ئانا تۇپراق تورى خەۋىرى  , مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ( ئانا تۇپراق ) فوتوسى:2-ئاينىڭ 5-كۈنى  «مۇھەببەت ناخشا شاھى» دەپ نام ئالغان تۈركىيە ناخشا چولپىنى رافەت ئەل رومان ۋە گۇرۇپىسىدىكى مۇزىكانىتلار بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى .
ئۇ رايونىمىزدىكى بىر قىسىم سەنئەت ساھەسىدىكى شەخىسلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى گۈزەل ئۈرۈمچىنىڭ خەلق سارىيىدا بىر مەيدان ناخشا كېچىلىكى ئۇيۇشتۇرماقچى .
 تۈركىيە ناخشا چولپانلىرىنىڭ گىپى چىقسا، ھەر كىم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىر قانچە ناخشىچىنى بىمالال ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. لېكىن تاركان، مۇستافا ساندال ۋە رافەت ئەل رونالارنى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك.
مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن تۈركىيە خەلقىنىلا ئەمەس، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن رايونىمىز ياشلىرىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان، ناخشىچى، مۇزىكانت ۋە ئىجادىيەتچى ۋە كىنو ئارتىسى رافەت ئەل رومان (ئەل رومان ئۇنىڭ تەخەللۇسى) 1968-يىلى 25-ئاۋغۇست تۈركىيەنىڭ ئەندار ئۆلكىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1970-يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە گېرمانىيەگە كۆچۈپ بېرىپ، چوڭ ئاپىسى بىلەن بىرگە تۇرغان. كەڭ تەبىئەت قوينىغا تولغان گۈزەل سەھرادا ئۆسۈپ چوڭ بولغان رافەت ئوقۇشىنى گېرمانىيەدە تامالىغان. ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە ئۇ گىرمانچە، ئىنگىلىزچە، ئىتالىيانچە ۋە تۈركچە تىللارنى پۇختا ئۆگەنگەن. رافەت ئەل رومان ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا، ھاياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىن مۇھەببىتىنى شېئىر يىزىش ئارقىلىق ئىپادە قىلغان بولۇپ، 16 ياش ۋاقتىدا تۇنجى شېئىرىنى يېزىپ چىققان.
 

07.jpg

 

09.jpg

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا