ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئاجايىباتلار

ئامېرىكىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى سېمىز ئايال

ۋاقتى : 2014-02-06  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

 

« يەر شارى ئاخبارات تورىنىڭ ئۇنۋېرسال خەۋىرى»، ئەنگلىيە« كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى دوكلاتى، تور تېلېۋىزىيەسى TLC بىر قېتىملىق « مېنىڭ 600 قاداقلىق تۇرمۇشۇم » دېگەن تېمىدىكى پروگراممىنى قويدى، بۇ پروگراممىدىكى ئاساسلىق رولچى ئامېرىكىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى سېمىز ئايال Christina ، ئۇ ئىلگىرى بىر كۈن ئىچىدە 7000 كالورىيە يىمەكلىكنى يەپ بولىدۇ.
23 ياشلىق Christina نىڭ تۇرالغۇسى ئامېرىكىنىڭ مىسسىسسىپى شتاتىدا. تۆت ھەپتە ئىلگىرى ئۇ تېكساس ئىشتاتىدىكى ھيۇستون شەھىرىگە كېلىپ يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيىسىنى قىلدۇردى، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 640 قاداققا چۈشۈپ قالغان. ئوپېراتسىيە قىلغان تۆت ھەپتە ئىچىدە ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يەنە 171 قاداق ئېغىرلىغان. Christina بەدەن ئېغىرلىقى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەڭ ئېشىپ بارغان. ئۇ يەتتىنچى يىللىقتىكى ۋاقتىدا بەدەن ئېغىرلىقى 300 قاداققا يەتكەن، 17 ياشقا كىرگەن ۋاقىتىدا ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 400 قاداقتىن ئېشىپ كەتكەن، 22 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 678 قاداققا يەتكەن.
Nowzaradan دوختۇر كۆرسىتىپ، Christina بىر نەرسىلەرنى يىسە ئاندىن ھۇزۇر ھېس قىلىدۇ، ئۇ يەپ تويسىمۇ ئۇ يەنە پىسا، ھامبۇروگ بولكىسى قاتارلىق يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىمىتىگە ئىگە نەرسىلەرنى يىسە، ئاندىن كۈنىگە 7000 كالورىيە يىمەكلىكنىڭ مىقدارىغا تەڭ بولىدۇ. نۆۋەتتە Nowzaradan دوختۇر Christina غا بىر تۈرلۈك يىمەكلىك تۈزۈمى چىقىرىپ بەردى، بىر كۈندە بىر ۋاقلا تاماق يىيىش ئارقىلىق ئورۇقلاشنىڭ دەسلەپكى ئۈنۈمى ئۈچۈن ئۇل سالدى. Christina مۇنداق دېدى:« مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، يەنە نورمال بولغان ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش كەچۈرۈش».
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا