1.جۇيىن 40ياش
ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە گۈزەل چولپان جۇ يىن ھېسسىيات مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ئۇ توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلەرمۇ ئىنتايىن ئاز بولغان. ئۇنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئۈچ قېتىملىق مۇھەببەت مۇناسىۋىتى بولغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ خۇاڭ گۈەنجوڭ بىلەن بولغان 10يىللىق مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنىڭ تاكى بۈگۈنگىچە ئايىغى چىقمىغان بولۇپ، توي قىلىشتىن ئەسەرمۇ يوق.
2.جاڭ خۈيمېي 39ياش
جاڭ خۈيمېينىڭ مۇھەببەت ئىشى ئىزچىل كۆڭۈلدىكىدەك بولماي كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىغان شياڭگاڭلىق خوجايىن يىگىتىدىن باشلاپ،ناخشا چولپىنى ۋاڭ لىخوڭغىچە يەنە ئۆزى قوغلاشقان ۋاسكىتبولچى خې شوۋجېڭغىچە ئىزچىل ئاخىرى چىقمىغان. يېقىندا ئۇنىڭ مەلۇم قاۋاقخانىدىكى ھاراق تەڭشەش ئۇستىسى بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. لېكىن ئۇنىڭ توي قىلىدىغان خەۋىرى يەنىلا ئاشكارىلىنىپ باقمىغان.
3.لى روتوڭ 38ياش
كونا زامان فىلىملىرىدىكى گۈزەل لى روتوڭنىڭ ھېسسىيات تۇرمۇشىمۇ ئىزچىل مەغلۇبىيەت بىلەن تولغان. 2008-يىلى مۇھەببەتلەشكىلى 10يىل بولغان ئوغۇل دوستىدىن ئايرىلىپ كېتىپ قاتتىق ئازابلانغان. ئۇ ھازىرغا قەدەر تەنھا ئۆتمەكتە.
4.لى بىڭبىڭ 38ياش
خەلقئارالىق داڭلىق چولپان لى بىڭبىڭنىڭ ھازىرغا قەدەر ئوغۇل دوستى يوق بولۇپ، ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم مۇھەببەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.
5.شۈ جىڭلېي 38ياش
شۈجىڭلې قالتىس قابىلىيەتلىك كۈچلۈك ئايال بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر بىر قانچە ئەر بىلەن ئارىلاشقان بولسىمۇ لېكىن ئىزچىل توي قىلىدىغان خەۋىرى بولمىغان.
6.شۈ روشۈەن 36ياش
شۈ رو شۈەن بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ گېپى چىققانلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، ئۇلار ۋۇ چىلوڭ، جوۋ جېلۈن، ۋۇ جيەن خاۋ. بۇ يىل يەنە ئۇنىڭ خېيىجىڭ بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغان. ئىككىيلەننىڭ تەييارلىقى پۇختا بولۇپ، پەقەت توي قىلىش باسقۇچى قېلىپ قالغان.
7.شۇچى 35ياش
شۇچى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ سۆز-چۆچەك تارقالغان ئەر چولپانلار رېن شيەنچى، لىمىڭ، ليۇ خۇا،جاڭ جىن قاتارلىقلار ئىدى. لېكىن ئاخىرىدا بۇ «ئاق ئاتلىق شاھزادىلەر»نىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرىغىچە بىللە ئۆتەلمىگەن. ئەمما يېقىندا ئۇنىڭ مادېلۈن بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقى خەۋىرى تارقالغان.
8.لىن شىنرۇ 35ياش
شياۋيەنزىمۇ توي قىلىپ بالىلىق بولدى، لېكىن زىۋېي مەلىكە ھازىرغىچە تەنھا ئۆتۈۋاتماقتا. لىن شىنرۇ تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي لىن جىيى بىلەن مۇھەببەتلەشتى. كېيىن سۇ يوۋپېڭ بىلەن ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلەر تارقالدى. يېقىندا بىرەيلەننىڭ ئۇنىڭغا 999تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىپ مۇھەببەت ئىزھار قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالدى. لېكىن راست يالغانلىقى نامەلۇم.
9.لى شياۋرەن 35ياش
لى شياۋرەن يەن پو بىلەن ناھايىتى تېزلا توي قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتكەن.
10.ۋۇ پېيزى 33ياش
11.يۈنەن 33ياش
بۈگۈنگە قەدەر كىشىلەرگە مەلۇم بولغان مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ۋاڭ چۈەن ئەن بىلەن بولغان 10يىللىق مۇھەببەت مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئىككىيلەن ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، چەتئەلگە چىقىپ پۈتۈن زېھنىنى خىزمەتكە قاراتقان.
12.گاۋ يۈەنيۈەن 32ياش
جاڭ يادوڭ بىلەن 5يىللىق مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىزچىل تەنھا ئۆتۈپ كەلگەن گاۋ يۈەنيۈەن يېقىندا جاۋ يوۋيەن بىلەن مۇھەببەتلەشكەن.
13.جاڭ زېيى 32ياش
جاڭ زىيىنىڭ داڭلىق باي خوجايىنلار بىلەن ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كۆپ، لېكىن ئۇ تاكى بۈگۈنگە قەدەر تەنھا ئۆتۈۋاتماقتا.
14.لىن جىلىڭ 37ياش
بۈگۈنگە قەدەر سۆز-چۆچەك ئەڭ كۆپ تارقالغان، مۇنازىرىنى ئەڭ كۆپ پەيدا قىلغان چولپان لىن جىلىڭ بولۇپ، ئۇ كەسىپتىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. لېكىن ئۇنىڭ توي قىلىشى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىنكاس يوق.