ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئاجايىباتلار

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تۇرمۇشى زادى قانچىلىك دەرىجىدە ھەشەمەتلىك ؟

ۋاقتى : 2012-09-04  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

رۇسىيەنىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرى بۇرۇس يېقىندا، زۇڭلى پۇتىننىڭ 58 ئايرۇپىلانى بىلەن تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى، 20نەچچە ئېسىل داچىسى ھەم 11دانە قىممىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قول سائىتى بار دېگەن، گەرچە پۇتىننىڭ كوللىكتىپى بۇنى ھەممىسى دۆلەت بايلىقى، پۇتىننىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى بار دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىساد-مالىيە كىرزىسىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان رۇسىيە خەلق ئاممىسىدا يەنىلا گۇمان پەيدا قىلغان، قېنى كۆرۈپ باقايلى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تۇرمۇشى زادى قانچىلىك دەرىجىدە ھەشەمەتكىن؟

     رۇسىيەنىڭ دەم ئېلىشتا ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئەنئەنىسى بار، ھەربىر دۆلەت ئەلباشى دۆلەتنىڭ پۇلىغا ياسىغان ھەم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سارايلاردا دەم ئالىدۇ، يېڭى رەھبەر تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ھەممىسى بۇ خىل ئالاھىدە بولغان دەم ئېلىش رايونىنى كۆپرەك قۇرۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ ئويلايدۇ، لېنىننىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار:« دەم ئېلىش ئەمەلىيەتتە خىزمەت قىلىشنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى»دېگەن. مانا بۇ ئەنئەنە سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىن تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

\
NOVO-Ogarevo: پۇتىن دائىم تۇرىدىغان گوتچە كلاسسىك داچا

\
قارا دېڭىز داچىسى Palace in Gelendzhik: پۈتۈش باھاسى 950مىلىيون دوللارلىق ئىتالىيەچە ئۇسلۇبتىكى كاتتا داچا

\
بوچچا لياپۇنوۋ جىرا سۇلىرى داچىسى: ھاۋا كىلىماتى ئەتىيازدەكلا، بۇ پۇتىن ئەڭ ياقتۇرىدىغان دەم ئېلىش سارايلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

\
ئاي يورۇقى ئورمانلىق رايونى : دۇنيا مەدەنىي مىراسى بولغان كاۋكاز تاغ تىزمىسىغا قۇرۇلغان قار تېيىلىشقا كەلگەندە تۇرىدىغان ئۆيى.

\

 

رۇسىيە زۇڭتۇڭى ئىشخانىسىدا ئالاھىدە ئۇچۇش-ھەرىكەت قىلىش گۇرۇپپىسى بار، بۇ گۇرۇپپىنى پەقەت زۇڭتۇڭلا ئىشلىتىش ھوقۇقى بار. ھەرىكەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 15 تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى،قالغان ئايرۇپىلانىدىن 43ى بار، ھەممىسى موسكۋا ۋىنۇكۇۋو ئايررودرومىغا توختىتىپ قويۇلغان، بۇ ئايرۇپىلانلار دۆلەت رەھبىرىنى توشۇشقا مەسئۇل، بارىلىق ھەرىكەت ھەم باشقۇرۇش-ئورۇنلاشتۇرۇش ھوقۇقى زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىغا تەۋە. بارلىق ئايرۇپىلانلارنىڭ ئىچكى ئەسلىھەرلىرى قاتتىق كاتتا، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولۇپ، باھاسىمۇ ناھايىتى قىممەت.

رەسىمدىكىسى:

ئىل IL-96-300PU: ياساش قىممىتى 45مىلىيون دوللاردىن يۇقىرى، ئىچىنى بېزەشكە 18مىلىيون دوللار سەرپ قىلىنغان.


 

\
 

ھاۋادىكى يولۇچى پويىزى Airbus ACJ319: زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 105مىلىيون دوللار، ئەڭ كۆپ دېگەندە يولۇچى قاچىلاش مىقدارى پۇتىننىڭ زۇڭتۇڭ كوللىكتىپى كۆلىمىدىكى ھۆكۈمەە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

\
 

Dassault Falcon 7X: زاۋۇتتىن چىقىش باھاسى 50مىلىيون دوللار، بۇ دۇنيادىكى خىزمەت ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغان خىزمەت ئايرۇپىلانى ھېسابلىنىدۇ.

 

\

Mi8ئوتتۇرا تىپتىكى توشۇش تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى: دۇنيادىكى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئەڭ چوڭ بولغان تىك ئۇچار، 15تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغا جەمئىي يبز مىلىيون دوللار سەرپ قىلغان.

 

\
 

ئولىمپىيا : بەش قەۋەتلىك پالۇباسى بار پاراخوت، ياسىلىش باھاسى 50مىلىيون دوللار. بۇ كرېمل سارىيىدىكى پاراخوتلار ئىچىدىكى ھەقىقىي كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك پاراخوت ھېسابلىنىدۇ.

 

\
 

«بۆرە يۇلتۇزى»نومۇرلۇق Sirius: ياسىلىش باھاسى 37مىلىيون دوللار، ئىچىنى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق لايىھىلىگۈچى بېزىگەن، ئىچىدە تىياتىرخانا ھەم سۈنئىي شاقىراتما بار.

 

\
 

  كرېمل سارىيىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان ماشىنا سانى 700گە يەتكەن، پۇتىن مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئۈچ كاتتا مېرسىدىس ماشىنا ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر يەرگە بېرىشى ھەم پائالىيتى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ، تاراتقۇلار پۇتىننىڭ 11دانە ئېسىل ھەم قىممەت باھالىق قول سائىتى بارلىقىنى بايقىغان.


رەسىمدىكىسى:


بىنىز MS600 Pullman Guard: ياسىلىش باھاسى : 1250000دوللار، ئېغىرلىقى 5.3توننا، بۇ بەش دانە قول گىراناينىڭ بىرلا ۋاقىتتا پارتلىشىغا قارشۇ تۇرالايدىغان ماشىنا.



 

\
 

بىنىزPullman G-Guard G500 تۈرىدىكى ئوق ئۆتمەس ماشىنا : ياسىلىش باھاسى 434000دوللار، تۆت چاقىغا ئوق تەگسىمۇ سائىتىگە 80كىلومېتىر يۈرەلەيدۇ.


 

\
 


دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت سائەت بولغان گىرمانىيە رۇنگې قول سائىتى بار، بۇنىڭدىن سىرت يەنە 11دانە ئېسىل ھەم قىممەت باھالىق قول سائىتى بار.

 

ھەر يىلى رۇسىيە زۇڭتۇڭى خامچوت ئىشخانىسى 84مىلىيارد 600مىلىيون رۇبلى يەنى ئىككى مىلىيارد 600مىلىيون دوللار خىراجەت چىقىم قىلىدۇ، بۇ پۇللارنى زۇڭتۇڭغا مانا مۇشۇنداق ئېسىل تۇرمۇش شارائىتى تەمىنلەشكە ئىشلىتىدۇ.بۇ سان ئۈچ مىليون 300 مىڭ روسىيە خەلقىنىڭ ھەريىلى ئېرىشەلەيدىغان ھۆكۈمەت خام چوتىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىغا تەڭ.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا