ئېغىرلىقى 470 جىڭ كېلىدىغان ئەر يېتىپ ئارام ئالسا نەپسى بوغۇلۇپ ئون يىل ئولتۇرۇپ ئۇخلىدى
21 - ئۆكتەبىر شەھەر كەچىلىك گېزىتى خەۋىرى، شەندوڭ دېجوۋدىكى بىرىنچى سېمىز پىڭ شىنجۈن پويىزغا ئولتۇرۇپ چاڭچۈنگە كېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولغان، چۈنكى ئۇنىڭ ئورۇقلاش چۈشى بارغانسېرى يېقىنلىغان. 470 جىڭ كېلىدىغان پىڭ شىنجۈن توردىن خېنەندىكى بىرىنچى سېمىزنىڭ چاڭچۈنگە كېلىپ ئورۇقلاپ مۇۋاپپقەقىيەت قازانغانلىق خەۋىرىنى كۆرگەندىن كېيىن چاڭچۈنگە بېرىپ سىناپ بېقىش ئويى تۇغۇلغان. چاڭچۈن كاڭدا دوختۇرخانىسى شىنجۈننىڭ قىينچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا ھەققىسز مۇلازىمەت قىلىپ ئۇنىڭ 200 جىڭ ئورۇقلاش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىغا ياردەم قىلماقچى بولغان.
يېتىپ ئارام ئالسا نەپسى بوغۇلۇپ ئون يىل ئولتۇرۇپ ئۇخلاش
تۈنۈگۈن چاڭچۈن كاڭدا دوختۇرخانىسىنىڭ كېسەل كۆرۈش بۆلۈمىدە ئىشتان كىيىۋاتقان پىڭ شىنجۈننى كۆردۈم، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى ئاستا بولۇپ ئولتۇرۇپ ئىشتان كىيىش ئۇنىڭغا ناھايىتى قىيندەك تۇراتتى. پىڭ شىنجۈننىڭ ئېيتىشىچە، قارىماققا ناھايىتى ئاددەتتىكى بىر ئىش ئۇ قىلسا ناھايىتى قىين بولىدىكەن. مەسىلەن، يېتىپ ئۇخلاشمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن قىيىن ئىشلارنىڭ بىرى ئىكەن. پىڭ شىنجۈن 2002 - يىلدىن باشلاپ يېتىپ ئۇخىلىسا نەپسى بوغۇلۇپ ياكى ئورنىدىن تۇرالماي ئامالسىز ئولتۇرۇپ ئۇخلىغان، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 460 جىڭ ئىكەن.
پىڭ شىنجۈن شەندوڭ دېجوۋدا بىر مېھمانخانا ئاچقان بولۇپ ھەركۈنى بىرىنچى قەۋەتتىكى دۇككاندا ئولتۇرىدىكەن، ھاجەتخانىغا بارغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا قىمىرلاشقىمۇ ھورۇنلۇق قىلىدىكەن. پىڭ شجۈن ئۆزىنىڭ سەمرىپ كەتكەندىن ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ھەرىكەت قىلمىغانسېرى ئېغىرلىقىنىڭ تېز ئېشىپ ئون يىلدا 60 نەچچە جىڭ سەمرىگەنلىكىنى ئېيتقان.
قارار: ئورۇقلىشىم مۇۋاپپەقىيەتلىك بولمىسا يۇرتۇمغا قايىتمايمەن
پىڭ شىنجۈن 2007 - يىلى بىر ئۆي سېتىۋالغان، ئۇ ئۆي بەشىنچى قەۋەتتە ئىكەن، پىڭ شىجۈن ئۆينى كۆرگىلى ۋە زىننەتلىگىلى ئىككى قېتىم بارغان، ئەمما ئۇ بەك سېمىز بولغاچقا چىقىش - چۈشىش بەك ئەپىسىز بولغان. پىڭ شىنجۈننىڭ بوي ئېگىزلىكى بىر مېتىر 83 سانتىمېتىر بولۇپ بۇ سېمىزلىك ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇ ھەتتا ئۆيىگىمۇ قايتالمىغان، شۇڭا ئۇنىڭ تېزراق ئورۇقلىغۇسى بارئىكەن.
چاڭچۈنگە كېلىش سەپىردىكى 18 سائەتتە پىڭ شىجۈن ئىنتايىن قىينالغان، ئۇ ئاستى كارىۋاتتا ئولتۇرغان، يېرىم كېچىدە باشقا يولۇچىلارنىڭ يېتىپ ئۇخلىغانلىقىنى كۆرۈپ سىناپ باققان، ئەمما پەقەت بىر پۇتىنى كارىۋاتقا ئالالىغان، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز 18 سائەتنى ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزگەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇ قەتئىي ئورۇقلاش قارارىغا كەلگەن.
كېلىشىم: ئىككى سېمىز دوسىت بىللە ئورۇقلىماقچى بولدى
دوختۇرخانىدا پىڭ شىنجن شەندوڭدىن كەلگەن 24 ياشلىق سېمىز دوستى گاۋ گۇاگى بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككەيلەننىڭ يېشى پەرىقلەنسىمۇ ئەمما ئېغىرلىقى يېقىن كېلىدىكەن، ئىككىسنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق بارئىكەن. گاۋ گۇاگىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ بەش ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئورۇقلاشقا باشلىغان بولۇپ ھەرخىل ئۇسۇللارنى سىناپ باققان بولسىمۇ ئۈنىمىنى كۆرمىگەنىكەن. ئۇ توققۇز ياش ۋاقتىدا 294 جىڭ كېلىدىكەنتۇق. ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭ ئورۇقلىشىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن ئۇنى تەنتەربىيە مەكتىپىگە جۇدو ئۈگىنىشكە ئاپارغان. ئەمما ئۇ توققۇز يىل ئۈگەنگەندە ئېغىرلىقى 530 جىڭغا ئۆرلىگەن، ئالدىنقى ئۈچ ئايدا ئۇ چاڭچۈن كاڭدا دوختۇرخانىسىغا كېلىپ ئورۇقلىغاندىن كېيىن ئېغىرلىقى 360جىڭغا چۈشكەن.
پىڭ شىنجۈننىڭ ئورۇقلىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن گاۋ گۇاگى ھەمىشە ئۇنىڭغا ھەمرا بولغان، ئۇلار بىللە رەسىمگە چۈشكەندە قىزىقارلىق ئىشلار يۈز بەرگەن. پىڭ شىنجۈن بىر ئادەم ئۈچ ئادەمنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغان، پىڭ شىنجۈن گاۋگۇاگىنىڭ ئولتۇرىشى ئۈچۈن ئازىراق جاي بوشىتىپ بەرگەن، گاۋگۇاگى تەستە ئولتۇرغان. ئۇلار ئىككىسى بىللە ئورۇقلاپ ئاندىن يۇرتىمىزغا قايتىمىز دەپ كېلىشىپ قويغان.
دوختۇرخانا: شەندوڭلۇق سېمىز دوستىمىزنى ھەقسىز ئورۇقلىتىمىز
شەندوڭدىن كەلگەن ئىككى سېمىز دوست دەرىجىدىن تاشقىرى سېمىز شەخىسلەربولغاچقا دوختۇرخانا ئۇلارنىڭ سېمىزلىك ئازابىدىن قۇتۇلىشى ئۈچۈن ھەقسىز ئورۇقلىتىشنى قارار قىلغان. ۋۇ دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، پىڭ شىنجۈن ۋە گاۋگۇاگى بەكلا سېمىز ئىكەن، ئەگەر ئۇلار ۋاقتىدا ئورۇقلىمىسا بەدىنىدىكى ھەرقايسى ئەزالار ئوخشاشلا سىناققا دۇچ كېلىدىكەن. سېمىزلىك ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە قولايسىزلىق پەيدا قىلىپ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىشى مۇمكىنكەن. ئۇلارنىڭ ئورۇقلىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن دوختۇرخانا مەخسۇس لايىھە تۈزۈپ پۈتۈنلەي ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشنى قارا قىلغان.
ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئورۇقلىغۇسى بار؟ پىڭ شىنجۈننىڭ 200 جىڭ ئورۇقلاپ نورمال تۇرمۇش كەچۈرگۈسى بارئىكەن، ئۆيگە قايتىپ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى توي قىلىش، بوۋىسىغا ئۆزىنىڭ ئورۇقلىغانلىقىنى كۆرسىتىش ناھايىتى نەتىجىلىك ئىش ئىكەن. گاۋگۇاگىنىڭ يەنە 108 جىڭ ئورۇقلىغۇسى بارئىكەن، ئورۇقلاپ بولغاندىن كېيىنكى بىرىنچى ئىشى تاغقا چىقىش ۋە تاغ چوققىسىغا چىققاندىن كېيىن كۆپچىلىككە ئورۇقلىشنىڭ مۇۋاپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئېيتىش ئىكەن.