ئاۋسترىيەدىكى رىنارت كوگلېر ئىسىملىك بىر ئايال ئائىلە خىراجىتىنى قامداش ئۈچۈن بىر غەلىتە چارىنى ئويلاپ تاپتى، يەنى ئۇ بويتاق ئاياللارغا ئىرى ئاندرېئاسنى ئىجارىگە بەرمەكچى بولدى. ئەمما ئۇ «ئىجارە» مەزمۇنىنىڭ دائىرىسىنى ئائىلە ئىشلىرى دەپ قاتتىق چەكلىمە قويدى، مەسىلەن، دەل- دەرەخ چاتاش، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش دېگەندەك، بۇنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى 20 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 33.2 ئامېرىكا دوللىرى) بولدى.
ئاندرىئاس بۇ يىل 34 ياشقا كىرگەن بولۇپ، رىنارتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ قولى چېۋەر ئىكەن، كىشىلەر ئۇنى ياللىسا «بەرگىنىدىن ئارتۇق جاۋاب» قا ئېرىشىدىكەن.
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 27- يانۋاردىكى سانىدا رىنارتنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: نۇرغۇن بويتاق ئاياللار ئائىلە جاھازلىرىنى يۆتكەش، باغۋەنچىلىك قىلىش ياكى دەل- دەرەخلەرنى چاتاش دېگەندەك ئىشلارنى قىلغاندا ھەقىقەتەنمۇ «بىر ئەرنىڭ كاملىقى» نى ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئېرىم ئاندرېئاسنى ئاساسلىقى بويتاق ئاياللارغا، ھەمدە ئىرىنىڭ پۇت- قولى چاققان ئەمەس ئاياللارغا ئىجارىگە بېرىمەن. بويتاق ئاياللارنىڭ ئىرىمدىن ھەمبەھىرلىنىشنى خالايمەن.