جۇڭگو ئاخبارات تورى، 16-مارت تېلېگراممىسى : ئامېرىكا ‹‹ ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ 16-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى رادىكال تەشكىلات ‹‹ ئىسلام دۆلىتى ›› قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن تىكرىت رايونىدا ئۇدا بىر قانچە كۈن قاتتىق ئېتىشقان، بۇ سەۋەبلىك ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادامنىڭ قەبرىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ تۈپتۈز بولۇپ كەتكەن. لېكىن سادامنىڭ جەسىتى خېلى بۇرۇنلا يەرلىكتىكى سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر تەرىپىدىن يۆتكەپ كېتىلگەن ئىكەن.
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تىكرىت شەھىرى سابىق زۇڭتۇڭ سادامنىڭ يۇرتى بولۇپ، سادام 2006-يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، 2007-يىلى تىكرىت ئەتراپىغا دەپنە قىلىنغان.
ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن شىمال تەرەپتىكى رادىكال تەشكىلات يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان قاتتىق تىركەشكەن، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 48 سائەت ئىچىدە تىكرىت رايونىنى كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، موشۇ سەۋەبلىك قوراللىق توقۇنۇش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەسلىدە خېلىلا ئېسىل ياسالغان قەبرە بېشىدىكى سادامنىڭ چوڭ سۈرىتىنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىكەن، بىراق سادامنىڭ سۈرىتى بار يەرگە ھازىر شىئە مەزھىپىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇلارنىڭ بايرىقى ئېسىقلىق تۇرۇۋېتىپتۇ.
2014-يىلى 8-ئايدا سادامنىڭ قەبرىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، ئەينى چاغدا سۈنئىي مەزھەپتىكىلەر جەسەتنى باشقا بىر يەرگە يۆتكەپ كەتكەن.
ئىراق ھۆكۈمىتى موشۇ ئاينىڭ بېشىدا تىكرىتقا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تىكرىت شىمالدىكى چوڭ شەھەر موسۇلغا بارىدىغان مۇھىم ئۆتەڭ بولغاچقا، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى رادىكال قوراللىق ئۇنسۇرلارنى موسۇلدىن چىكىندۈرۈپ چىققاندىلا ئاندىن غەلبىسېرى ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدۇ. ئامېرىكا ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەڭ تېز بولغاندا كېيىنكى ئايدا موسۇلنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.