ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئالمۇتىدا بىر كۈندە ئىككى قېتىم يەر تەۋرىدى

ۋاقتى : 2015-03-16  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

20150316075255998.jpg

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 16-مارت خەۋىرى : قازاقىستان مائارىپ ۋە پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى پەن تېخنىكا كومىتېتى يەر تەۋرەش تەجرىبە گۇرۇپپىسىنىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 15-كۈنى قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئالمۇتىدا ئىككى قېتىم يەر تەۋرىگەن، ئەمما بۇ ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەن.
قازاقىستان مائارىپ ۋە پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى پەن تېخنىكا كومىتېتى يەر تەۋرەش تەجرىبە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى قېتىملىق يەر تەۋرەش شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 20:01 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن، يەر تەۋرەش مەركىزى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىن 28 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 15 كىلومتېىر، يەر تەۋرەش دەرىجىسى 6.3 بال كېلىدىكەن، يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ئالمۇتا شەھىرىدە كۈچلۈك تەۋرىنىش بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن 21:41 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم 4.4 بال يەر تەۋرىگەن، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش مەركىزى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن 286 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 5 كىلومېتىر، يەر تەۋرەش دەرىجىسى 4.4 بال كېلىدىكەن.
يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى جىددىي ئەھۋال كومىتېتى شۇ ھامان بىر قاتار ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى يولغا قويۇپ، دەل ۋاقتىدا ھەر قايسى دۆلەت ئورگانلىرى، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خەلق مۇداپىئە ئورۇنلىرىغا ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جىددىي ئەھۋالغا قوماندانلىق قىلىش شىتابى قۇرۇپ چىقتى، بارلىق خادىملار جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئالمۇتا شەھەرلىك جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئورنىمۇ دەل ۋاقتىدا ئادەم ئەۋەتىپ يەر تەۋرىگەندىن كېيىنكى ئەھۋاللارنى تەكشۈردى، نۆۋەتتە ئۆلۈش، يارىلىنىش ياكى مال مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش توغرىسىدىكى مەلۇمات يوق.
ئالمۇتا قازاقىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايون ياۋرو ئاسىيا يەر تەۋرەش بەلبېغى (شىمالىي تەڭرىتاغ يەر تەۋرەش بەلبېغى) غا جايلاشقان بولۇپ، يەر پوستى بىر قەدەر ھەرىكەتچان بولۇپ، يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدۇ. ئەمما قازاقىستان مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆپ قېتىم بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردا ئالمۇتىدا ۋەيرانچىلىق خاراكتېرىدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرمەيدىكەن. 
ھاجىم تەرجىمىسى

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا