ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئالىملار ئۇزۇنلۇقى ئادەمنىڭ ئېگىزلىكىدىن ئېشىپ كېتىدىغان چوڭ راك تاش قاتمىسىنى بايقىدى

ۋاقتى : 2015-03-16  مەنبەسى : ttufo.com  يوللىغۇچى : ئەمەتجان  

longxia.gif

ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئالىملار شىمالى ئافرىقىدىكى دۆلەت ماراكەشتە 480 مىليون يىللىق تارىخقا ئىگە چوڭ راك تاش قاتمىسىنى بايقىغان، ئۇنىڭ پۇت- قوللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھازىرقى دەۋردىكى قاسراقلىق جانلىقلارنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ئالىملار بۇنى قاسراقلىق جانلىقلارنىڭ ئەجدادى دەپ قارىغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ خىل چوڭ راكنىڭ بېشىدا تىكەنسىمان «پۇتلىرى» بار بولۇپ، دېڭىزدىكى مىكرو جانلىقلارنى سۈزۈپ يېيىشكە ئىشلىتىدىكەن. ئالىملار بۇ راكنى ھازىرغىچە قەدەر ئەڭ قەدىمى ئوزۇق سۈزگۈچى ھايۋان بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراشتى.

بۇ چوڭ راكنىڭ تاش قاتمىسى ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇق تەخمىنەن 2 مېتىر كېلىدىكەن ۋە ئادەمنىڭ ئېگىزلىكىدىنمۇ ئۇزۇن ئىكەن. بۇ راكنىڭ بەدەن شەكلى ستېرېئو شەكلىدە بولۇپ، ئالىملار ئۇنى «غەلىتە راك» تۈرىگە ئايرىغان. قاسراق قوڭغۇز، ھاشاراتلار ۋە ئۆمۈچۈك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل غەلىتە راكتىن ئۆزگەرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، خەۋەردە دېيىلىشچە، دېڭىز تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالىملار بۇلتۇر جەمى 1451 خىل يېڭى دېڭىز جانلىقىنى بايقىغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۈنلۈك لەھەڭ، سېھىرگەر ئانتېننارېئۇس بېلىقى، ئىسكىلىت راك ۋە 3 خىل يېڭى تۈردىكى دېڭىز دېلىفىنى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا