ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ دۇنيادا بەلكىم ھېچقانداق بىر ئىش ئامېرىكىلىق ئايال بېسېنى خامىلتون (Bethany Hamilton) نىڭ دولقۇن ئۈستىدە تېيىلىشقا بولغان قىزغىنلىقىنى توسۇپ قالالماسلىقى مۇمكىن، ھەتتا 12 يىل بۇرۇن بىلىكىنى لەھەڭ چىشلەپ ئۈزۈۋەتكەن بولسىمۇ، ياكى ھازىر ھامىلىدار بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا دېڭىز دولقۇنىدا تېيىلىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
Bethany Hamilton 13 ياش ۋاقتىدا دولقۇن تىيىلىۋاتقان چاغدا، ئۇزۇنلۇقى 4.5 مېتىر كېلىدىغان لەھەڭ ئۇنىڭ بىلىكىنى چىشلەپ ئۈزۈۋەتكەن ئىدى. ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قورقۇنۇچلۇق كەچۈرمىشىدىن قورقۇپ قالمىغان، بەلكى داۋاملىق دولقۇندا تېيىلىش تەنھەرىكەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئىش شۇكى، ئۇ ئىككى يىلدىن كېيىن مەمىلكەتلىك دولقۇندا تېيىلىش موسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان، ئۇنىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇدىغان جاسارىتى كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.
ھازىر 25 ياشقا كىرىپ قالغان Bethany Hamiltonھامىلىدار بولغىلى 6 ئاي بولغان بولۇپ، ھازىرمۇ دولقۇندا تېيىلىش تەنھەرىكەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن تېيىلىش تاختىسىنىڭ ئۈستىگە قايتىپ كەلدىم، چۈنكى مەن بۇ تەنھەرىكەتنى ۋە دېڭىزنى ناھايىتى قىزغىن سۆيىمەن، مەن ھەم قولۇمنى لەھەڭ چىشلەپ ئۈزىۋەتكەنلىكى تۈپەيلىدىن تۇرمۇشۇمنى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىنى خالىمايمەن.
Bethany Hamilton ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىق خوش خەۋىرىنى ئاشكارىلىغان چاغدىمۇ يەنە دولقۇندا تېيىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ بالىسىنىڭ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بىلەن سىكاننىرلاش ئارقىلىق بېرىكتۈرگەن رەسىمىنى تورغا يوللاپ، ھازىر بالام تېيىلىش تاختىسىغا تۇرۇپ، ئاپىسىنىڭ قورسىقىدا دولقۇندا تېيىلىۋاتىدۇ، دېگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: مەن ئامالنىڭ بارىچە دولقۇندا تېيىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىمەن، قورسىقىم بەك چوڭىيىپ كەتسە، سۇ ئۈزۈشكە ئالمىشىپ، دېڭىزنىڭ مەنزىرىسىدىن داۋاملىق ھۇزۇرلىنىمەن.