ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  پەن -تېخنىكا

يۇپىتېرنىڭ ئۈچىنچى ھەمراھىدا دېڭىز بارلىقى بايقالدى

ۋاقتى : 2015-03-16  مەنبەسى : china.com.cn  يوللىغۇچى : ئەمەتجان  

saturun4.gif

ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 12- چېسلا قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ ھەمراھ يۇپىتېرنىڭ ئۈچىنچى ھەمراھىنىڭ مۇز قاتلىمى ئاستىدا بىر پارچە تۇزلۇق سۇ دېڭىزىنىڭ بارلىقىنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ بايقاش يەنە بىر قېتىم ئالىملارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، قۇياش سىستېمىسىدىكى ياشاشقا ماس كېلىدىغان پېلانىتلارنى تېپىش تىرىشچانلىقىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئالغان ئىلگىرلەتتى.
يۇپىتېرنىڭ ئۈچىنچى ھەمراھى «گانىمېد» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، يۇپىتېرنى ئايلىنىپ چۆرگىلەيدىغان ئەڭ چوڭ ھەمراھ، ئوربىتىلىق ئايلىنىش دەۋرى تەخمىنەن 7 كۈن. ئۇنىڭ دېئامىتىرى مېركۇرېيدىن چوڭ، ماسسىسى مېركۇرېينىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدۇ، ئۇ قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكىمۇ ئەڭ چوڭ ھەمراھ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بۇيان، نۇرغۇن ئالىملار يۇپىتېرنىڭ ئۈچىنچى ھەمراھىنىڭ يۈزى ئاستىدا بىر پارچە تۇزلۇق سۇ دېڭىزىنىڭ بارلىقىنى قىياس قىلىپ كەلگەنىدى. بۈگۈنگە كەلگەندە، ئالىملارنىڭ بۇ قىياسى «گالىلىې» ناملىق تەكشۈرۈش ماشىنىسى ۋە خابو ئالەم تېلېسكوپى ئەۋەتكەن سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ياردىمىدە ئىسپاتلاشقا ئېرىشتى. ئامېرىكا دۆلەت ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ پىلانېتلار بۈلۈمىنىڭ باشلىقى جىم گىرىن مۇنداق دېگەن: خابو تېلېسكوپى تەكشۈرگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يۇپىتېرنىڭ ئۈچىنچى ھەمراھىنىڭ يۈزىدە بىر پارچە تۇزلۇق سۇ دېڭىزىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلاندى.
ئالىملارنىڭ قىياسەن ھېسابلىشىغا قارىغاندا، بۇ دېڭىز قېلىنلىقى تەخمىنەن 150 مىڭ مېتىر كېلىدىغان مۇز قاتلىمىنىڭ ئاستىدا بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 100 مىڭ مېتىر كېلىدىكەن، بۇ يەر شارىدىكى دېڭىزلارنىڭ چوڭقۇرلۇقىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى سۈيىنى سۇيۇق ھالەتتە ساقلاشقا يېتەرلىك ئىكەن.
بېيجىڭ ئاسترونومىيە سارىيىنىڭ باشلىقى جۇ جىن مۇنداق دېدى: يەر شارىدىن باشقا پېلانىتلاردا جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان مۇھىتنى تېپىش ناھايىتى مۇھىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەر شارىدىن باشقا پېلانىتلاردىكى ھاياتلىقنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى ئەگەر يۇپىتېرنىڭ ئۈچىنچى ھەمراھىدا بۇنداق دېڭىز مەۋجۇت بولسا، ئۇنداقتا كېيىنكى قېتىم ئۇنىڭدا ھاياتلىقنىڭ بار- يوقلىقىنى بايقاش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىر خەلقئارالىق كىچىك گۇرۇپپا 12- چېسلا ئەنگلىيەنىڭ «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، ساتۇرىننىڭ ھەمراھىنىڭ بىرى بولغان ساتۇرىنىڭ ئىككىنچى ھەمراھىدا ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇشىغا ماس كېلىدىغان مۇھىتنىڭ بار بولۇش مۇمكىنلىكى ئېھتىمالغا بەك يېقىن، دېگەن. ياپونىيە توكيو ئۈنىۋېرسىتېتى، دېڭىز تەتقىقاتى ئېچىش ئورگىنى قاتناشقان تەتقىقات كىچىك گۇرۇپپىسى ساتۇرىننى تەكشۈرۈش ماشىنىسىدىن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارنى مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق، ساتۇرىننىڭ ئىككىنچى ھەمراھىدىكى دېڭىز ئاستىدا ئىسسىق سۇنىڭ ھەرىكەت قىلىشىدىن شەكىللەنگەن ماددىلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا