«ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاندا بىر ئالاھىدە قىز بوۋاق تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ بوۋاق تۇغۇلىشى بىلەنلا دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان بۆرە ئادەم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان. بوۋاقنىڭ پۈتۈن بەدىنى قاپقارا تۈكلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تىببىي خاتىرىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 1648-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى «بۆرە ئادەم» بىمارى بايقالغاندىن بۇيان، دۇنيادا پەقەت 50 ئادەمگىلا بۇ خىلدىكى كېسەللىككە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان.
تىببىي مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارايدۇ: «بۆرە ئادەم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى بىر خىل ئاتاۋىزىم يەنە نەسلىگە قايتىش ھادىسىسى، تۈكلۈكلۈك كېسىلى گېنى ئىنسانلار بەدىنىدىكى بىر خىل ‹يوقالغان گىن›».