ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  ئاجايىباتلار

ئاجايىپ-غارابىياتلارغا تولغان ھىندىستان دۆلىتىگە نەزەر

ۋاقتى : 2014-01-30  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا  

01.jpg

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 15-مارت، ئەسكەرلەر ئوت پۈركۈش ماھارىتىنى نامايەن قىلماقتا

ھىندىستان تىلغا ئېلىنسىلا، كىشىلەر ئۇلۇغ گانگې دەرياسى ۋە ئىخلاسمەن ھىندى دىنى مۇرىتلىرىنى ئەسكە ئئالىدۇ، كىشىنى ئەجەبلەندۈرىدىغان سالاھىيەت نامى تۈزۈمى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى تۆۋەن ھىندىستان ئاياللىرى، نامراتلار مەھەللىسى، مىليونېرلار، بوللىۋوت ۋە كىنو غايىسى ..... ئىلگىرى بىرەيلەن «ھىندىستان خۇددى گۈزەل ئەسكى ئايالغا ئوخشايدۇ: ئۇنى سۆيىسىز، ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىسىز، ئەمما ئۇنى يادىڭىزدىن چىقارمايسىز.

 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 26-مارت، ھىندىستانلىق ئايال يەردە دومىلاپ Panguni Uthiramبايرىمىنى تەبرىكلىمەكتە. بۇ بايرام ھىندى دىنى مۇرىتلىرى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بايرام بولۇپ، كىشىلەر بۇ كۈندە نىكاھ تەقدىرى پۈتۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 18-ئاپرېل، ئانىسىنى ئەپكەشكە سېلىپ مۇقەددەس جايغا تاۋاپ قىلغۇزغىلى ئېلىپ ماڭغان ئەر.
 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 5-فېۋرال، كەنت ئاھالىلىرى يىلپىزنى ئۆلتۈرگەندىن دەرەخكە ئېسىپ قويدى. ئۈچەيلەن بىر يىلپىزنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بىرەيلەن ئېغىر يارىلانغان.
 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 11-ماي، بىر ئەر دىننىي يىغىلىشتا قىلىچنى ئۆزىنىڭ كۆز ئالمىسىغا تەڭلەپ تۇرماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق سۇفى پەيغەمبىرى Qudri Rafai Junoon Ali Saiنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرىلىمەكتە.
 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 24-ماي، قەبىلىدىكى ئەرلەر بىلەن دېھقانلار قولىغا تاياق ئېلىپ شىۋا ئىبادەتخانىسىنىڭ سىرتىدا ياتماقتا. بۇ ھىندىستاندىكى ماندا بايرىمىدىكى دىننىي يىغىلىشنىڭ بىر قىسمى. دېھقانلار تومۇز ئايلىرىدا بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يامغۇر تىلەيدۇ.
 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 18-ئىيۇن، ھىندىستاندىكى ئاپتوبۇسقا ئېسىلىۋالغان يولۇچىلار.
 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 28-ئاپرېل، چېچى بىلەن غالتەككە ئېسىلىۋالغان بۇ ئەر Teestaدەرياسىدىن ئۆتمەكچى. ئۇ 49 ياشقا كىرگەن بىر ساقچى بولۇپ، ئۇ كېسىپ ئۆتمەكچى بولغان دەريانىڭ ئارىلىقى 180 مېتر كېلىدۇ.
 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 12-ماي، ھىندى دىنى مۇرىتى تۆمۈر تاياقچە بىلەن يۈزىنى تېشىپ، دىننىي يىغىلىشقا قاتناشماقتا، ئۇلار ئايال ئىلاھنىڭ ئۆزلىرىگە ساغلاملىق ۋە ئامەت ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 20-ئىيۇن، ئالاھىدە ماھارەتلىك موتوسىكلىت ماھىرى ئالاھىدە ماھارىتىنى نامايەن قىلماقتا. بۇ ئۆلۈمنىمۇ كۆزگە ئىلمايدىغان ماھارەت سېرك ئۆمىكىنىڭ تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلىدىغان ئاساسلىق ۋاستلىرىنىڭ بىرى.
 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 17-ئاۋغۇست، ھىندىنوزىيە جاكارتا، ھىندىنوزىيە ئارمىيەسى پارات ئۆتكۈزۈپ، ھىندىنوزىيەنىڭ 67-مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىمەكتە، پاراتقا قاتناشقان كىشىلەر ماي سۈركەلگەن خادىغا ياماشماقتا.

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 24-ماي، كەنت ئاھالىلىرى ۋە ئورمان ئەمەلدارى بىر پىلنى يۇيماقتا. ئىگىلىنىشچە بۇ پىل ئۇدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ قالغان ئىكەن.
 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 16-ئىيۇل، ھىندىستاننىڭ ھەيدەرئاباد، ھىندى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ يامغۇر تىلەش ئادىتى.
 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 28-ماي، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى، تومۇز ئىسسىقتا بىر ياش بۇلۇتسىمان پلاستماسسانى كالتە ئىشتىنىنىڭ ئىچىگە سېلىۋىلىپ، سۇدا لەيلەپ تۇرماقتا.
 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 7-نويابىر، ھىندىستاننىڭ پوشكا، يىلدا بىر كېلىدىغان تۆگە بايرىمىدا كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن چاقچاقلاشماقتا.
 

شۇ يەر ۋاقتى 2013-يىلى 13-ئاپرېل، ھىندى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى. ھىندى دىنى مۇرىتلىرى قەبرىدىن كولىۋالغان جەسەتلەرنى ئېلىپ چىقىپ يىغىلىش ئۆتكۈزىدۇ.

 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا