
ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپۇنىيەدىكى بىر كارخانا 12- چىسلا مۇنۇلارنى جاكارلىغان: سىمسىز توك كۈچىنى كەتكۈزۈش تېخنىكىسىدا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىلدى، يەنى توك سىمى ئىشلىتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، مىكرو دولقۇن ھالىتىدە توك كۈچىنى 500 مىتىر يىراقلىقتىكى جايغا يەتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى تەجرىبىنىڭ غەلبە قىلىشى ئېنسانلارنى كەلگۈسىدە كائىناتتىكى قۇياش نۇرى بىلەن توك تارقىتىشقا يەنىمۇ بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلەتتى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ياپۇنىيە سەنلىڭ ئېغىر سانائىتى بۇ يىل 2- ئاينىڭ 24- كۈنى بۇ تەجرىبىنى ئېلىپ بارغان. تەجرىبىدە 10 كىلوۋات توك مىكرو دولقۇنغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ئانتېننا ئارقىلىق 500 مىتىر يىراقلىقتىكى تاختايسىمان قۇبۇل قىلغۇچ قۇرۇلمىسىغا ئەۋەتىلگەن، ئاندىن كېيىن قۇبۇل قىلىنغان مىكرو دولقۇن توكقا ئايلاندۇرۇلغان، ئەڭ ئاخىرىدا توك كۈچى ئارقىلىق پارقىراق ئىككى قۇتۇبلۇق لامپا يۇرۇتۇلغان. 500 مىتىرلىق يوللاش ئارىلىقى ھازىر ياپۇنىيەدىكى ئوخشاش تەجرىبىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئارلىق ھېسابلىنىدۇ.
خەۋەرلەردە دېيىلىشچە، كائىنات بوشلۇقى ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن، شۇڭلاشقا قۇياش نۇرى بىلەن توك تارقىتىشنىڭ ئۈنۈمى يەر يۈزىنىڭكىگە قارىغاندا 10 ھەسسە يۇقۇرى بولىدىكەن. ئەمما قانداق قىلىپ يەر يۈزىدىن 36 مىڭ كىلومىتىر ئېگىزلىكتىكى كائىنات بوشلۇقىدىن توك كۈچىنى يەر يۈزىگە قايتۇرۇش كائىنات قۇياش نۇرى بىلەن توك تارقىتىشتىكى مۇھىم ھالقىنىڭ بىرى. سەنلىڭ شىركىتى كەلگۈسىدە بىر نەچچە يىل ئىچىدە، ھازىرقى تېخنىكىنى تاغلىق رايۇنلاردىكى توك تارقىتىش قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتمەكچى بولىۋاتىدۇ، ھەم شۇ ئارقىلىق بۇ تېخنىكىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىلىشىنى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى.
قىياس قىلىشللارغا قارىغاندا، كائىناتتىكى قۇياش نۇرى بىلەن توك تارقىتىش 2030- يىلىدىن 2040- يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.