كېنىيە، ئۇگاندا، تانزانىيە، كونگو، ئانگولا، گانا، بېنگال، كوتېدىۋا ۋە نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يېزىلىرىدا «جىنسىي تازىلىق»دەپ ئاتىلىدىغان يامان ئادەتلەر مەۋجۇت . بۇ بىر خىل ئېتىقادتىن كەلگەن، يەنى بىر ئايال ئۆلۈپ كەتكەن يولدىشىنىڭ روھى تەرىپىدىن قىيىنىلىدۇ ، بۇنداق ئاياللار «ناپاك» بولغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم «تازىلاش» ئېلىپ بېرىش كېرەك، بولمىسا دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشسا ياكى قايتا ياتلىق بولسا بولمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. توي قىلماي تۇرۇپ ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەن قىزلارمۇ چوقۇم «جىنسىي تازىلىقچىلىرى» بىلەن بىللە يېتىشى كېرەك.
نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىدە بىر ئايالنىڭ يولدىشى قازا قىلسا ياكى توي قىلمىغان قىزلارنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتسە، شۇ يەردىكى كەنت ئاھالىلىرى بىر ئەرنى بۇ ئايال ياكى بۇ قىز بىلەن بىر كېچە يېتىپ، ئالۋاستىلارنى قوغلاشقا تەكلىپ قىلىدۇ، بۇنداق قىز-چوكانلار بىلەن «ئۇخلاپ» جىن قوغلايدىغان ئەرلەرنى يەرلىك كىشىلەر «تازىلىقچىلار» دەپ ئاتايدۇ.
ھالبۇكى بۇ ئاتالمىش «تازىلىقچىلار» ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدىكى «ئەڭ مەينەت كىشىلەر»، ئۇلار ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى تارقىتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى، شۇنداقلا بۇ قورقۇنچلۇق نىجىس كېسەلنى ھېچ ئەيمەنمەستىن ئاز دېگەندىمۇ نەچچە 100 مىڭ بىگۇناھ قىز-چوكانلارغا يۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
ئافرىقىدىكى مالاۋى دۆلىتىنىڭ مىچىنجى شەھىرىدىكى 23 ياشلىق ياش ئايال جامېس مۇبېيۋېينىڭ ئۈچ يىل بۇرۇن يولدىشى قازا قىلىپ كەتكەن بولۇپ، يولدىشى تۈگەپ كېتىپ نەچچە سائەتتىن كېيىن ئۇ يوقىلىپ كەتكەن. ئۇ يولدىشىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغىمۇ قاتناشمىغان، دوستلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تەسەللىيلىرىنىمۇ ئاڭلىمىغان، پەقەت ئۆزى يالغۇز ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مۆكۈۋالغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى مەڭگۈ تاپالماسلىقىنى ئۈمىد قىلغانىكەن. ئەمما يولدىشىنىڭ ئۆيدىكىلىرى ئۇنى تېپىۋېلىپ، «يالاپ» ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەنىكەن. بىچارە چوكان ئەڭ قورقۇققان ئىشقا يولۇققان بولۇپ، كەنتتىكى ئاقساقاللار ۋە يولدىشىنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنى «جىنسىي تازىلىق» مۇراسىمىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلغۇزغانىكەن شۇنداقلا ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ، ئەگەر ئۇلارنىڭ سۆزىگە كىرمىسە، كەنتتە ھەربىر ئادەم ئۆلسە، ئۆزىنىڭ بىر قېتىم قارغىشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتقانىكەن.
بىر قىسىم خەلقئارالىق ياردەم بېرىش تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئافرىقىدا ھەر 10 ئەيدىز كېسىلى بىمارىنىڭ ئالتىسى ئايال ئىكەن، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى باسقۇنچىلىققا ئۇچراش ياكى «جىنسىي تازىلىق» دېگەندەك كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش نەتىجىسىدە نابۇت بولغانلار ئىكەن.
ئاخىرىدا بۇ بىچارە ئاجىز مەزلۇم يەنىلا تەقدىرگە بويسۇنۇپ يولدىشى نەۋرە ئىنىسى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. يېقىندا بۇ مەزلۇم زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: «يولدىشىمنى ئويلىساملا ئۆزۈمنى تۇتالماي يىغلاپ كېتىمەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتتى، مەن بولسام بۇنداق ئىشنى قوبۇل قىلىشىم كېرەك، مەن ئىنتايىن قورقۇۋاتىمەن، بۇ سەۋەبلىك ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىمدىن بەك ئەنسىرەيمەن، ئەگەر مەن ئۆلسەم بالىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم قالمايدۇ» دېدى.
ئافرىقىنىڭ بۇ قەدىمكى ئەنئەنىسى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى تارقاتقۇچى ئاساسلىق «قاتىل». ئەڭ يېقىنقى بىر ستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئافرىقىدا پەقەت بۇلتۇر بىر يىلدىلا ئىككى مىليون 300 مىڭ ئادەم ئەيدىز كېسىلى سەۋەبلىك قازا قىلغان، ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىمۇ 25 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ %60 ى ئاياللار. ھېلىھەم «جىنسىي تازىلىق» ئەنئەنىسى بولغان يېزىلاردا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئافرىقا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بۇنداق ئىپلاس، مەينەتچىلىككە تولغان ناچار ئادەتنى چوقۇم تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش كېرەك، دەپ قارايدۇ.
ئەمما بۇنداق ئەنئەنىنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش بەكمۇ تەس. مونىكا زامبىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر رايوننىڭ سېستراسى، شۇنداقلا شۇ يەدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا بۇنچە ئۇزۇن بولغان ئادەتنى ئۆزگەرتىش بەكلا مۈشكۈل. بىز تۇغۇلغاندىن تارتىپلا مۇشۇنداق تەربىيىنى قوبۇل قىلىمىز، ئەگەر بىز ئۇلارغا بۇنداق ئىشقا قارشى تۇرۇش ھەققىدە نەسىھەت قىلساق، ئۇلار بىزدىن ‹بىز نېمە ئۈچۈن ئۆزگىرىمىز؟› دەپ سورايدۇ».