قازاقىستانغا بارسىڭىز قەيەردىلا بولسۇن، ماشىنىلار قالايمىقان توختىتىپ قويۇلغان ماشىنا توختىشىش مەيدانى، مەھەللە، كوچىلار كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ماشىنا توختىتىش «ماھارىتى»گە قول قويماي تۇرالمايسىز. ماشىنىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ھەم تەرەققىياتىغا بېرىپ تاقىلىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ماشىنا توختاتقاندىكى ماھارەت ھەم ئەستايىدىلىق شۇ دۆلەتنىڭ شەھەر گۈزەللىكىگە ئۇدۇل بېرىپ تاقىلىدۇ. سىز قازاقىستان كوچىلىرىدىكى يانتۇ، قالايمىغان توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلارنى كۆرگىنىڭىزدە، بۇلار ماشىنا پىراۋىسىنى قانداق ئالغاندۇ دەپ قالىسىز، بۇ دېگەنلىك ئەلۋەتتە بارلىق قازاقىستانلىق شوپۇرلارغا قارىتىلغان ئەمەس، بىرى رەتسىز بولسا بارلىق رەتلىكلىككە تەسىر يېتىدۇ ئەلۋەتتە. قېنى تۆۋەندە قازاقىستاندىكى قالايمىغان توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلارنى كۆرۈپ بېقىڭ، ھەيران قالماي تۇرالمايسىز!